ئاچچىق ئۆتنى تېتىش
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
شاخ - شۇمبا ئۈستىدە يېتىپ ئۆت يالاش — جۇڭگونىڭ ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى يۆ بېگى گۇ جيەننىڭ غەيرەتكە كېلىپ يۆ بەگلىكىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ ۋۇ بەگلىكىنى يوقىتىپ، قىساسىنى ئالغانلىقىغا ئائىت ھېكايىدۇر.
ۋۇ بەگلىكى بىلەن يۆ بەگلىكى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا باش كۆتۈرگەن ئىككى بەگلىك. بىر تاغدىكى ئىككى يولۋاسقا ئوخشاش، بۇ بەگلىكلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپنى يەۋېتىپ ھاكىمبەگلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايتتى، شۇ سەۋەبتىن ئىككى ئوتتۇرىدا كۆپ قېتىم ئۇرۇش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتە يېڭىش - يېڭىلىشلار بولۇپ تۇرغانىدى. ۋۇ بېگى خې لۈي زۈيلى (ھازىرقى جېجياڭدىكى جياشىڭ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا) جېڭىدە ئۆلگەنىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى494 - يىلى ۋۇ بېگى فۇ چەي يۆ بەگلىكىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، جەڭدە ئۆلگەن دادىسى خې لۈينىڭ قىساسىنى ئالماقچى بولدى. ئىككى تەرەپ فۇجياۋ (ھازىرقى جياڭسۇنىڭ تەيخۇ كۆلىدىكى دۇڭتىڭشەن تېغى) دا جەڭ قىلدى، ۋۇ بەگلىكى قوشۇنلىرى يۆ بەگلىكى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە يۆ بەگلىكىنىڭ چېگرىسى ئىچىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، يۆ بەگلىكىنىڭ پايتەختى گۇيجىنى قورشىۋالدى. يۆ بېگى گۇجيەننىڭ ئارانلا5000 لەشكىرى قالغان بولۇپ، قايتۇرما زەربە بېرىشكە كۈچى يەتمەيتتى، بەگلىكىنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ۋۇ بېگى فۇ چەيگە ئادەم ئەۋەتىپ گۇناھىنى تىلەپ تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ ۋۇ بېگىنىڭ قۇلى ۋە دېدىكى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فۇ چەي ۋۇ بەگلىكىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ئاتامنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بولدۇم دەپ ئويلاپ مەغرۇرلىنىپ، تەدبىرلىك ۋەزىرلەرنىڭ يۆ بەگلىكىنى يوقىتىپ كەلگۈسىدىكى ئاپەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش تەكلىپىگە قۇلاق سالماي، گۇجيەننىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلدى.
گۇ جيەن ۋۇ بەگلىكىدە ئۈچ يىل چاكار بولۇپ، كەپىدە ئولتۇرۇپ ئاددىي كىيىملەرنى كىيىپ، ۋۇ بېگىنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئېتىنى بېقىپ، يەتكۈچە خورلۇق تارتتى. بىراق ئۇ قەتئىي تىز پۈكمىدى. ئەكسىچە ئۆزىنى كۈچەيتىشكە قەسەم قىلىپ، قىساس ئېلىش ئىرادىسىگە كەلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گۇ جيەن ئازاد قىلىنىپ بەگلىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخشىمى شال پاخىلىنىڭ ئۈستىدە قىلىچىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلىغان ھەمدە ئۆيىگە بىر تال ئاچچىق ئۆتنى ئېسىپ قويۇپ، ھەر كۈنى كىرسە - چىقسا، ئولتۇرسا - قوپسا ئۇنىڭغا قاراپ، تاماقتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىغان. ئۇ يەنە دائىم: «ئۆزىنى - ئۆزى گۇيجىدىكى ئار - نومۇسنى ئۇنتۇپ قالما» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، قىساس ئېلىپ ئار - نومۇسنى يۇيۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. گۇ جيەن ئۆز قولى بىلەن يەر تېرىسا، ئايالى باشلامچىلىق بىلەن رەخت توقۇش ئارقىلىق باج - سېلىقنى ئازايتىپ، خەلقنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. گۇ جيەن يەنە لەشكەرلىرىنى زور كۈچ بىلەن مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىغان.
«ئون يىل كۈچ توپلاش، ئون يىل تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش» ئارقىلىق يۆ بەگلىكى يېتەرلىك كۈچ يىغىپ، ئاخىر قۇدرەت تېپىپ ۋۇ بەگلىكىنى يوقاتقان. گۇ جيەن ئەمىنىيە دەۋرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھاكىمبەگ بولۇپ قالغان.