ۋېندى، جىڭدى يىللىرىدىكى ئادىل سىياسەت
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
غەربىي خەن سۇلالىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتقا دۇچ كەلدى، ھەتتا پادىشاھمۇ ئوخشاش رەڭدىكى ئاتلار قېتىلغان مەپىدە ئولتۇرالمىغانىدى، سەركەردە، ۋەزىرلەر ئامالسىز كالا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئوردىغا كېلەتتى، ئاۋام - پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى. لېكىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى179 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى141 - يىلىغىچە، خەن ۋېندى − ليۇ خېڭ (ليۇ باڭنىڭ ئوغلى) بىلەن خەن جىڭدى − ليۇ چى ئاتا - بالىنىڭ ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ ئەلنى ئىدارە قىلىشى ئارقىلىق دۆلەت بېيىپ، ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولدى. ئوردىنىڭ پايتەختتە يىغىلىپ كەتكەن ئاقچىلىرى نەچچە100 مىليونغا يەتتى، ئۇزاق يىللار ئىشلىتىلمىگەچكە، يارماقلارغا ئۆتكۈزۈلگەن يىپلار تامامەن چىرىپ كەتكەنىدى. ۋېندى، جىڭدى زامانىسىدىكى ئىگىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئاساس سالدى، شۇڭلاشقا كىشىلەر بۇ دەۋرنى «ۋېندى، جىڭدى يىللىرىدىكى ئادىل سىياسەت دەۋرى» دەپ ئاتىدى.
ۋېندى، جىڭدى زامانىسىدا غايەت زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب شۇكى، خەن ۋېندى بىلەن خەن جىڭدى خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاللاندۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاۋام - پۇقرالارنى خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خەن ۋېندى كۆپ قېتىم يەرلىك ئەمەلدارلارغا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاكتىپ ئىلھام بېرىپ، تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، ئۈجمە ئۆستۈرگەنلەرنى مۇكاپاتلاشقا پەرمان چۈشۈردى، خەن جىڭدى پەرمان چۈشۈرۈپ: تېرىقچىلىق — تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى، ئالتۇن - كۈمۈش، مەرۋايىتلارنى قورساق ئاچقاندا يېگىلى، توڭلىغاندا كىيگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تېرىق ۋە ماتاغا يەتمەيدۇ، دېگەنىدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار يەر ئىجارىسىنى كۆپ قېتىم كېمەيتتى. خەن ۋېندى يەر ئىجارىسىنى ئىككى قېتىم ئەسلىدىكى15 /1 دىن30 /1 گە چۈشۈردى، ھەتتا بەزى يىللىرى يەر ئىجارىسى ئالمىدى. خەن جىڭدى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپلا يەر ئىجارىسىنى30 /1قىلىپ بېكىتتى، بۇ خىل باج تۈزۈمى تاكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۆزگەرمىدى. ئەينى ۋاقىتتا ھاشار سېلىقىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. خەن ۋېندى ھەتتا ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ھاشارغا ھەيدەشنى بەلگىلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاشار ۋاقتىمۇ ئىنتايىن قىسقا بولاتتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسىللىرىدە ھاشارغا سېلىنمايتتى.
خەن ۋېندى بىلەن خەن جىڭدى يەنە تېجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بىر قېتىم، خەن ۋېندى بىر سۇپا ياساتماقچى بولدى، بىراق ھېسابلىۋىدى،100 سەر ئالتۇن كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ پىلاننى بىكار قىلدى. خەن ۋېندى ۋە خەن جىڭدى يەنە چىن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇرنىنى كېسىش، بارمىقىنى كېسىش، بىر ئادەم گۇناھ ئۆتكۈزسە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى چېتىپ جازالاش قاتارلىق بىر قىسىم جازا قانۇنلىرىنى بىكار قىلىپ، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى ئازايتتى. ۋېندى، جىڭدى يىللىرىدىكى ئادىل سىياسەت مانا مۇشۇنداق تىنچ ئىجتىمائىي شارائىتتا، ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەنىدى.