UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرنەنجىڭدىكى ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھۆكۈمىتى

نەنجىڭدىكى ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھۆكۈمىتى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تىركىشىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرى ئىلگىرى بەزى جايلاردا قۇرغان يەرلىك قورچاق ھاكىمىيەتلەرگە قانائەتلەنمەي، مەملىكەت خاراكېترلىك قورچاق ھاكىمىيەت قۇرۇپ جۇڭگوغا ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى پىلانلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىقتۇرۇشى ئاستىدا،1938 - يىل12 - ئاينىڭ18 - كۈنى گومىنداڭنىڭ مۇئاۋىن زۇڭسەيى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېي چۇڭچىڭدىن ئايرىلىپ، دۈشمەنگە ئوچۇق - ئاشكارا تەسلىم بولۇپ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى.1939 - يىلى8 - ئايدا ۋاڭ جىڭۋېي شاڭخەيدە قورچاق گومىنداڭنىڭ6 - قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلىتىيىنى چاقىرىپ، چۇڭچىڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، ئۆزى قورچاق گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى.1939 - يىلى12 - ئايدا ۋاڭ جىڭۋېي ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن «جۇڭگو - ياپونىيە يېڭى مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش پروگراممىسى» دېگەن ۋەتەن ساتقۇچ شەرتنامىنى مەخپىي ئىمزالىدى.1940 - يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى قورچاق مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇش شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ۋاڭ جىڭۋېي قاتارلىق خائىنلارنى مەركىزىي سىياسىي يىغىن چاقىرىپ قورچاق مىللى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا بۇيرۇدى.1940 - يىل3 - ئاينىڭ30 - كۈنى ياپونىيە جاسۇسلۇق تەشكىلاتى «مىيجىگۇەن» نىڭ ئوفىتسېرى يىڭزۇ جېنجاۋنىڭ بىر قوللۇق رىياسەتچىلىكىدە قورچاق مىللىي ھۆكۈمەت نەنجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى. ۋاڭ جىڭۋېي «مىللىي ھۆكۈمەت» نىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىنى ۋە مەمۇرىي پالاتانىڭ باشلىقلىقىنى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، چېن گۇڭبو، ۋېن زۇڭياۋ، لياڭ خۇڭجى، ۋاڭ جىتاڭ، جۇ فۇخەيلەر قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە، تەپتىش، ئىمتىھان، مالىيە مىنىستىرلىكلىرىنىڭ مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى. ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «مەركىزىي ھۆكۈمەت» نامىدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يەنىمۇ ساتتى.1940 - يىل11 - ئاينىڭ30 - كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋاڭ جىڭۋېينىڭ قورچاق نەنجىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋاڭ جىڭۋېي ياپونىيە بىلەن «ياپونىيە - جۇڭخۇا مىنگو ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي مۇناسىۋەتلەر شەرتنامىسى»، «ياپونىيە - مانجۇرىيە - جۇڭگو ئورتاق خىتابنامىسى» ۋە بىر قاتار قوشۇمچە مەخپىي كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، ياپونىيىنىڭ ئىشغالىيەت رايونلىرىدىكى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە شۇنداق قىلىشىغا يول قويدى، شۇنداقلا ياپونىيە ئىشغالىيىتىدىكى رايون خەلقىگە فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق ۋە قۇللاشتۇرۇش مائارىپىنى يۈرگۈزدى.1943 - يىلى1 - ئايدا ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.1944 - يىل11 - ئاينىڭ10 - كۈنى ۋاڭ جىڭۋېي ياپونىيىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن، چېن گۇڭبو قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىنى ۋە مەمۇرىي پالاتانىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.1945 - يىلى8 - ئايدا ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى.8 - ئاينىڭ16 - كۈنى قورچاق نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋەتەن ساتقۇچ ۋاڭ جىڭۋېي، چېن گۇڭبو، جۇ فۇخەي، جۇ مىنيى، چىن بىجۈن، لو جۈنچياڭ، لى شىچۈن، ۋاڭ كېمىن، لياڭ خۇڭجى، ۋاڭ جىتاڭ قاتارلىق ئون خائىن مۇناپىق تېگىشلىك جازاغا تارتىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
نەنجىڭدىكى ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھۆكۈمىتى | UyghurWiki | UyghurWiki