UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرسەككىز بەگ توپىلىڭى

سەككىز بەگ توپىلىڭى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر مىلادىيە290 - يىلى، غەربىي جىن پادىشاھى جىن ۋۇدى − سىما يەن قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاماقەت ئوغلى سىما ئەي تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ پادىشاھ بولۇپ، جىن خۇيدى دەپ ئاتالدى. جىن خۇيدى ئىنتايىن ھاماقەت پادىشاھ ئىدى. بىر قېتىم ئۇ گۈللۈكتە چېكەتكىنىڭ چىرىلدىغىنىنى ئاڭلاپ، يېنىدىكىلەردىن: بۇ چېكەتكە ئوردىغا تەۋەمۇ ياكى شەخسكىمۇ؟ دەپ سورىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن پۇقرالار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەندە، جىن خۇيدى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن: ئۇلار نېمىشقا گۆشلۈك شوۋىگۈرۈچ ئىچمەيدۇ! دەپ سورىدى. تەبىئىيكى، بۇنداق ئەخمەق پادىشاھ ئوردا ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرالمايتتى، باشقىلار ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، نەتىجىدە بۇ ئەھۋال خان جەمەتىدىكى سەككىز بەگنىڭ مەركەزنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن يىلمۇيىل قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ تارىختا «سەككىز بەگ توپىلىڭى» دەپ ئاتالدى. سەككىز بەگ توپىلىڭى ئاۋۋال ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن باشلاندى. دەسلەپتە، پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقىنى ياڭ جۈن ۋە ياڭ خانىش ئاتا - بالا بىرلىشىپ سۇيىقەست ئىشلىتىپ جىن خۇيدىنى قىستاپ، دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. مىلادىيە291 - يىلى جىن خۇيدىنىڭ خوتۇنى جيا خانىش چۇ بېگى سىما ۋېي بىلەن بىرلىشىپ ياڭ جۈن ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى، پىرقىداشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، رۇنەن بېگى سىما لياڭنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈردى. بىراق، بۇ چارە باشقا بەگلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇيىقەستچى جيا خانىش سىما ۋېيغا سىما لياڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىپ، كەينىدىنلا يەنە سىما ۋېينىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن زور قالايمىقانچىلىق ئوردىدىن بەگلەرنىڭ ئارىسىغا يامرىدى. مىلادىيە300 - يىلى جيا بېگى سىما لۇن لەشكەر باشلاپ، جيا خانىشنى ئۆلتۈردى. كېيىنكى يىلى يەنە جىن خۇيدىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئۆزى پادىشاھ بولدى. چى بېگى سىما جيۇڭ، چېڭدۇ بېگى سىما يىڭ، خېجيەن بېگى سىما يۇڭلار بىرلىشىپ لەشكەر تارتىپ سىما لۇننى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، جىن خۇيدىنى قايتىدىن يۆلەپ تەختكە چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى بەگلەر مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشتى. قالايمىقان ئۇرۇشلار جەريانىدا، سىما جيۇڭ، سىما يۇڭ، سىما يىڭ ۋە چاڭشا بېگى سىما يىلار ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلدى. مىلادىيە306 - يىلى دۇڭخەي بېگى سىما يۆ ئوردىغا بېسىپ كىرىپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، جىن خۇيدىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، جىن خۇەيدىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى، سەككىز بەگ توپىلىڭى ئاخىرلاشتى. سەككىز بەگ توپىلىڭى16 يىل داۋاملىشىپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتتى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئازاب - ئوقۇبەت قاينىمىغا ئىتتىرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاقسۆڭەكلىرىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىن سۇلالىسىگە قارشى لەشكەر تارتتى، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە يىمىرىلدى. جۇڭگو300 يىلغا يېقىن يېغىلىق ۋە بۆلۈنمىچىلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
سەككىز بەگ توپىلىڭى | UyghurWiki | UyghurWiki