UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەردالاي ۋە بەنچەنگە ئوتۇغات نامى بېرىش

دالاي ۋە بەنچەنگە ئوتۇغات نامى بېرىش

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر دالاي لاما ۋە بەنچەن ئېردېنې شىزاڭدىكى لاما دىنىنىڭ ئىككى چوڭ گېگەنى. چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىزاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دالاي ۋە بەنچەنگە ئوتۇغات نامى بەردى ھەمدە بۇنى تۈزۈمگە ئايلاندۇردى. مىلادىيە1652 - يىلى شۇنجى خان دالاي Ⅴ نى پايتەختكە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە مەخسۇس ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆلىمى زور، ھەيۋەتلىك خۇاڭسى ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرۇپ، بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسى قىلىپ بەردى. دالاي Ⅴ بېيجىڭدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ داغدۇغىلىق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. كېيىنكى يىلى شۇنجى خان دالاي Ⅴ كە ئالتۇن دەستەك، ئالتۇن مۆھۈر ئىنئام قىلىپ، ئۇنىڭغا «رەھىمدىل، ئوچۇق - يورۇق ئەرش گېگەنى، تەڭرى ئاۋامنى تەربىيىلەشكە ئەقىدە چۈشۈرگەن ۋاجراخېڭلا دالاي لاما» دېگەن ئوتۇغات نامىنى بەردى.1713 - يىلى كاڭشى خان شىزاڭدىكى لاما دىنىنىڭ يەنە بىر باشلىقى بەنچەن Ⅴ كە «بەنچەن ئېردېنې» دېگەن نامنى بەردى ھەمدە ئالتۇن دەستەك، ئالتۇن مۆھۈر ھەدىيە قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دالاي ۋە بەنچەننىڭ شىزاڭنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئورنىنى بېكىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى دالاي ۋە بەنچەنلەرنىڭ جەزمەن چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلىشىنى بەلگىلىدى. مىلادىيە1772 - يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبال تەسىس قىلدى. شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبال مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دالاي، بەنچەنلەر بىلەن بىرلىكتە شىزاڭنى باشقۇردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە دالاي، بەنچەنلەرنىڭ روھى يۆتكىلىدىغان ئالتۇن لوڭقا («بېنبا»، زاڭزۇ تىلىدا «قۇتا» دېگەن مەنىدە) تۈزۈمىنى ئورناتتى. لاما دىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دالاي ياكى بەنچەن ئالەمدىن ئۆتكەندە تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاق دالاي ياكى بەنچەننىڭ «روھى يۆتكەلگەن ئىلاھىي بالا» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلاتتى. بىراق، مۇبادا بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە «ئىلاھىي بالا» تەڭلا تۇغۇلغان بولسا، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش تەسكە چۈشەتتى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ئالتۇن لوڭقا» تۈزۈمىدە دالاي، بەنچەنلەرنىڭ روھى يۆتكىلىدىغان چاغدا شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبال «ئىلاھىي بالا» نىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنى قاتارلىقلارنى چەككە يېزىپ، پادىشاھ ھەدىيە قىلغان ئالتۇن لوڭقىغا تاشلاش، ئاندىن لامالار يەتتە كۈن نوم تەپسىر قىلىپ، ۋاقىت توشقاندا شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبالنىڭ نازارىتىدە چەك تارتىش، چەكتە چىققان «ئىلاھىي بالا» دالاي ياكى بەنچەننىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى بولۇش بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن، دالاي، بەنچەنلەرنى بەلگىلەش ھوقۇقى چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي ۋە بەنچەنلەرگە ئوتۇغات نامى بېرىشى تۈزۈمگە ئايلاندى، دالاي ۋە بەنچەنلەرنىڭ ئوتۇغات نامى تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر