تۇمۇباۋ ۋەقەسى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
مىڭ سۇلالىسى جېڭتۇڭنىڭ14 - يىلى(مىلادىيە1449 - يىلى) ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇەيلەي ناھىيىسىدىكى تۇمۇ قەلئەسىدە مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئۇيرات قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان زور جەڭ يۈز بەردى. نەتىجىدە، مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى ئۇيراتلارنىڭ قول ئاستىدىكى مەھبۇسقا ئايلىنىپ،500 مىڭ كىشىلىك مىڭ سۇلالىسى قوشۇنى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. بۇ ۋەقە تارىختا «تۇمۇباۋ ۋەقەسى» دەپ ئاتالدى.
مىڭ يىڭزۇڭ − جۇ چىجېن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە موڭغۇللارنىڭ ئۇيرات قەبىلىسى تېز قۇدرەت تېپىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىلىرىغا دائىم پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇردى. مىلادىيە1449 - يىلى ئۇيراتلارنىڭ سەردارى ئېسەن نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈپ، مىڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئالدىنقى سەپتىن جىددىي مەلۇماتنامىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ، ئوردىنى زىلزىلىگە سالدى. ھەرەمئاغىسى ۋاڭ جېن مىڭ يىڭزۇڭنى شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلاپ جەڭگە ئاتلىنىپ تاسادىپىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى. ۋەزىر - ۋۇزرالار پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان بولسىمۇ، مىڭ يىڭزۇڭ قۇلاق سالمىدى. ئىككى كۈنلۈك ئالدىراش تەييارلىقتىن كېيىن ۋاڭ جېن مىڭ يىڭزۇڭنى ئېلىپ،500 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ بېيجىڭدىن ئاتلاندى. مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى يول بويى قاتتىق بوران - چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاچقا، لەشكەرلەر ئاچلىق، سوغۇقتا قېلىپ جەڭگىۋارلىقى بەكلا تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى سەپتىنمۇ مەغلۇبىيەت خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي كېلىپ، قوشۇن ئېغىر پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى. داتۇڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ جېن ھەرقايسى جايلاردىكى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ دەككە - دۈككىگە چۈشتى - دە، ئويلىمىغان يەردىن جەڭ قىلمايلا ئارقىسىغا ياندى ھەمدە قوشۇننى چېكىندۈرۈپ ئوردىغا قايتىشقا پەرمان چۈشۈردى. ۋاڭ جېن ئۆزىنىڭ ھوقۇق ۋە نوپۇزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن، مىڭ يىڭزۇڭنى ئۆزىنىڭ يۇرتىدا «ۋاقتىنچە پاناھلىنىش» قا تەكلىپ قىلدى. بىراق نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن ئەمدىلا يولغا چىقىشىغا، ۋاڭ جېن يەنە پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېتىزلىرىنىڭ چەيلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئەسلىدىكى يول بىلەن قايتىشقا پەرمان چۈشۈردى. نەتىجىدە ئۇيرات قوشۇنى ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا يېقىنلاپ كەلدى.
مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى چېكىنىپ تۇمۇ قەلئەسىگە كەلگەندە، ئۇيرات قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى. تۇمۇ قەلئەسى سۇ مەنبەسى يوق جاي بولغاچقا، ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىن ھالسىرىغان500 مىڭ سەركەردە - لەشكەر ھالاكەت گىردابىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇيرات قوشۇنى يالغاندىن چېكىنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بارگاھىغا سۈلھىلىشىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ۋاڭ جېن بۇنى راست دەپ ئىشىنىپ قېلىپ، بارگاھنى سۇ بار جايغا يۆتكەشكە جىددىي پەرمان چۈشۈردى. دەل شۇ چاغدا، ئۇيراتلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇشتۇمتۇت تەرەپ - تەرەپتىن قىر - چاپ قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىنى تاشلاپ ئالدى - كەينىگە قارىماي قېچىپ، بىر - بىرىنى دەسسىشىپ نۇرغۇن ئادىمى ئۆلدى. مىڭ يىڭزۇڭ ئەسىرگە چۈشتى. بالا - قازانىڭ باش سەۋەبچىسى ۋاڭ جېن پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان قوشۇننىڭ ئارىسىدا، قوغدىغۇچى قوشۇنىدىكى پەن جۇڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.