جىڭكاڭ ئۆزگىرىشى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
«جىڭكاڭ ئۆزگىرىشى» جىڭكاڭ يىللىرى جىن خانىدانلىقى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتقان تارىخىي ۋەقە بولۇپ، يەنە «جىڭكاڭ سەتچىلىكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مىلادىيە1125 - يىلى جىن خانىدانلىقى لياۋ خانىدانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن لەشكەر تارتىپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بيەنلياڭ (ھازىرقى خېنەندىكى كەيفېڭ) غا قىستاپ كەلدى. ھاماقەت ھەم قابىلىيەتسىز سۇڭ خۇيزۇڭ − جاۋ جى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي، تەختنى ۋەلىئەھد جاۋ خېڭ (سۇڭ چىنزۇڭ) غا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتاپ، «كۈجە كۆيدۈرۈش» نى باھانە قىلىپ، جېنجياڭغا قېچىپ بېرىپ بالا - قازادىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. سۇڭ چىنزۇڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن يىلنامىنى «جىڭكاڭ» غا ئۆزگەرتتى. ئۇمۇ ئوخشاشلا دۈشمەندىن خۇددى يولۋاستىن قورققاندەك قورقاتتى، پەقەت ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى سەۋەبىدىنلا ئۇرۇش قىلىش تەرەپدارى لى گاڭنى بيەنجىڭنى قوغداشقا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بارگاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ سۇلھى تەلەپ قىلىپ، زېمىن بۆلۈپ بېرىش، تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولدى. جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى شىمالدىكى كەڭ زېمىن ۋە زور مىقداردىكى ئالتۇن - كۈمۈشكە ئىگە بولغاندىن كېيىن شىمالغا چېكىندى. تەسلىمچىلەر يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. سۇڭ چىنزۇڭ ھەممە ئىش بېسىقتى دەپ ئويلاپ، لى گاڭنىڭ مەنسىپىنى ئېلىپ تاشلىدى. شاھىنشاھ سۇڭ خۇيزۇڭ بيەنجىڭغا قايتىپ كېلىپ، چىرىكلەشكەن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇردى.
جىڭكاڭنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە1126 - يىلى) كۈزدە جىن سۇلالىسى لەشكەرلىرى2 - قېتىم جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، شەرقىي ۋە غەربىي يول قوشۇنلىرى بىرلىشىپ بيەنلياڭنى قورشىۋالدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، يۈزسىز گو جىڭ «خىسلەتلىك قوشۇن» تەكلىپ قىلىپ ياۋنى چېكىندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى راست دەپ بىلگەن سۇڭ چىنزۇڭ شەھەر سېپىلىدىكى مۇھاپىزەتچى قوشۇننى چېكىندۈرۈپ شەھەر قوۋۇقىنى كەڭ ئېچىپ، «خىسلەتلىك قوشۇن» نى تەكلىپ قىلىپ ياۋنى چېكىندۈرۈشكە پەرمان چۈشۈردى. جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بيەنلياڭغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى، سۇڭ خۇيزۇڭ، سۇڭ چىنزۇڭلار ئەسىرگە چۈشتى. كېيىنكى يىلى باھاردا جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى شىمالغا چېكىنگەندە، شەھەردىكى92 مەھكىمىنىڭ خەزىنىسىدىكى مال - دۇنيانىڭ ھەممىسىنى پاك - پاكىز ئېلىپ كەتتى، شۇنداقلا سۇڭ خۇيزۇڭ سۇڭ چىنزۇڭ ھەمدە خان جەمەتىدىكىلەر، ئەمەلدار - ۋەزىرلەر قاتارلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ شىمالغا كەتتى، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىمۇ ھالاك بولدى.