UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرۋەنشيەن پاجىئەسى

ۋەنشيەن پاجىئەسى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر 1926 - يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلدى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى ئىلگىرىلەپ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ كونتروللۇقىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئۈزۈلدۈرمەي ۋەقە پەيدا قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى.8 - ئاينىڭ29 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ «ۋەنيۈي» ناملىق سودا پاراخوتى يۈنياڭ دەرياسىدا جۇڭگونىڭ ئۈچ يەلكەنلىك كېمىسىنى قەستەن سوقۇپ چۆكتۈرۈۋېتىپ، پاراخوتتىكى58 نەپەر جۇڭگولۇق ئەسكەر ۋە يولۇچىنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇ جايدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئارمىيىسى ناھاقچىلىككە چىدىماي ئەنگلىيىنىڭ «ۋەنيۈي» ۋە «ۋەنتۇڭ» ناملىق ئىككى سودا پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى.9 - ئاينىڭ5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، تۇتۇپ قېلىنغان سودا پاراخوتلىرىنى بۇلاپ كېتىپ، نەچچە ئونلىغان جۇڭگو ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى ھەمدە ۋەنشيەن شەھىرىنى ئۇدا ئۈچ سائەت توپقا تۇتتى. شۇ ۋاقىتتا ۋەنشيەن شەھىرى ئىچىدە ئوقلار غۇيۇلداپ ئۇچۇپ، ھەممە ياقنى ئوت يالقۇنى قاپلىدى،1000 نەچچە ئېغىز ئۆي ۋە ماگىزىن كۆيۈپ كەتتى، نۇرغۇن ئاھالە ئۆلدى. بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەدە جۇڭگو ئارمىيە، خەلقىدىن1000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، ماددىي زىيان نەچچە10 مىليون يۈەنگە يەتتى. ۋەنشيەن قانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى قاتتىق نەپرەتلەندى، جايلاردىكى ئامما ۋە ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلار ئارقا - ئارقىدىن ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا «نومۇسنى يۇيۇش جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر