UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرچۇڭچىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى

چۇڭچىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر 1937 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي، تەييۈەنلەر ئارقا - ئارقىدىن قولدىن كېتىپ، نەنجىڭ خەۋپ ئاستىدا قالدى.10 - ئاينىڭ29 - كۈنى مىللىي ھۆكۈمەت پايتەختنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىگە يۆتكەشنى قارار قىلدى.11 - ئاينىڭ16 - كۈنى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى لىن سىن ئالدى بىلەن نەنجىڭدىن كەتتى. گومىنداڭ مەركىزىي پىرقىسى، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، شۇنداقلا جياڭ جيېشى قاتارلىق مۇھىم كىشىلەر ۋۇخەنگە يۆتكىلىپ ئىش بېجىردى، كېيىنكى يىلى چۇڭچىڭغا يۆتكەلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، گومىنداڭ «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ دۆلەت قۇرۇش پروگراممىسى» نى تۈزۈپ، بىر تەرەپتىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ گومىنداڭ ۋە جياڭ جيېشىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىر تەرەپلىمە قارشى تۇرۇش لۇشيەنىدە چىڭ تۇردى. ئالدىنقى سەپ ئۇرۇشىدا مىللىي ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىر مەھەل ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تېز جەڭ قىلىپ تېز غەلىبىگە ئېرىشىشتەك ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تارمار قىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تىركىشىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، گومىنداڭ مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىپ، «سۈلھىپەرەس» ۋاڭ جىڭۋېي دۈشمەنگە ئوچۇق - ئاشكارا تەسلىم بولدى. جياڭ جيېشى گۇرۇھىدىكىلەرمۇ تەۋرىنىپ مادارا قىلىپ، سىياسەتنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى تەدرىجىي ھالدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى تۇرۇشقا ئۆزگەرتتى. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيدەكچىلىكى ئارقىسىدا، مىللىي ھۆكۈمەت1941 - يىل2 - ئاينىڭ19 - كۈنى ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلدى.1943 - يىلى9 - ئايدا جياڭ جيېشى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مەمۇرىي پالاتانىڭ باشلىقى بولدى. ئۇ، گومىنداڭنىڭ زۇڭسەيى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋە مەمۇرىي پالاتانىڭ باشلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ھوقۇقلارنى يالغۇز ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەخس مۇستەبىتلىكىنى كۈچەيتتى.1944 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا، جۇڭگو ب د ت نى قۇرغۇچى بەش دۆلەتنىڭ بىرى ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولدى.1945 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن گومىنداڭ چۇڭچىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ «10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى» ئىمزالاپ، تىنچ دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىي فاڭجېنىنى بېكىتتى. بىراق گومىنداڭ ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا كېلىشىمنى ئىجرا قىلماي، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى.1946 - يىل5 - ئاينىڭ5 - كۈنى مىللىي ھۆكۈمەت پايتەختنى نەنجىڭغا يۆتكىدى. گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئوتتۇرا جۇڭگو ۋە شىمالىي جۇڭگو رايونىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
چۇڭچىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى | UyghurWiki | UyghurWiki