كاڭشى، چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى گۈللىنىش
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
جۇڭگو زېمىنىدا مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ بولۇشىغا قايسى ۋاقىتتا ئاساس سېلىنغان؟ كاڭشى، چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى گۈللىنىش مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ نوپۇسى قايسى ۋاقىتتا100 مىليونلۇق چوڭ ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان؟ يەنىلا كاڭشى، چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى گۈللىنىش مەزگىلىدە.
كاڭشى، چيەنلۇڭ زامانلىرىدىكى گۈللىنىش جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاسايىشلىق دەۋر بولۇپ، ئۇ كاڭشى، يۇڭجېڭ، چيەنلۇڭ ئۈچ پادىشاھ دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، مىلادىيە1662 - يىلىدىن1795 - يىلىغىچە جەمئىي130 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. بۇ دەۋردە ھۆكۈمرانلار ئىزچىل تۈردە مىللىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى قوغدايدىغان بىر قاتار سىياسىي، ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل جەمئىيەتنىڭ تىنچ - مۇقىم بولۇشى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي ئىگىلىك مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى ساقايتىپ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلدى ھەمدە جۇڭگو فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقتى. ئەينى دەۋردە، چىڭ سۇلالىسى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانىدى.
كاڭشى، چيەنلۇڭ زامانلىرىدىكى گۈللىنىش مەزگىلىدە، كاڭشى خان ئۈچ ۋاسسال توپىلىڭىنى تىنچىتتى، تەيۋەننى قايتۇرۇۋالدى، ئۇيرات موڭغۇللىرىدىن غالداننىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى، روسىيىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى چەكلىدى، چيەنلۇڭ خان سىچۇەننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى چوڭ - كىچىك جىنچۇەنلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، گوركانىڭ شىزاڭغا قىلغان تاجاۋۇزىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتىكى ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەپ، غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىنى چەكلىدى. ئەينى دەۋردە، مەيلى ئەنگلىيە ياكى چارروسىيە بولسۇن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇدرىتىدىن ئەيمەنگەنىدى.
ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى − دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاساسى. كاڭشى، چيەنلۇڭ زامانلىرىدىكى گۈللىنىش مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئالدى بىلەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تېز كېڭىيىپ يۇڭجېڭ زامانىسىغا كەلگەندە900 مىليون موغا يېتىپ، ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر سۇلالە دەۋرىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بىرلىك مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. تاۋار ئىگىلىكىمۇ خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە نۇرغۇن يېڭى شەھەرلەر بارلىققا كەلدى. بۇ، مىڭ سۇلالىسى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئارىلىق مەزگىلىدىكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان كاپىتالىزم بىخلىرىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەن تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردى.
كاڭشى، چيەنلۇڭ زامانلىرىدىكى گۈللىنىش جۇڭگونىڭ فېئوداللىق ئىگىلىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فېئودال مۇستەبىتلىكمۇ تەرەققىي قىلىپ چېكىگە يەتتى، بولۇپمۇ، قايتا - قايتا ئەۋجىگە چىققان «يېزىق سورىقى»، ۋەھشىيانە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىدىيىۋى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭگو تارىخىنىڭ مۇساپىسىنى ئاستىلاتتى.