UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرئۈچ جەمەتنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىشى

ئۈچ جەمەتنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىشى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، جىن بەگلىكىدىكى خەن، ۋېي، جاۋ ئۈچ جەمەت (ئۈچ تۆرە) جىن بەگلىكى بېگىنىڭ ئەمدىلا ئۆلۈشى، يېڭى بەگنىڭ گۆدەك، ئاجىز بولۇشىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەگلىكنىڭ زېمىنى ۋە ئاھالىسىنى بۆلۈشۈۋالدى. مانا بۇ، ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ داۋالغۇش مەزگىلىدىكى «ئۈچ جەمەتنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىشى» دەك مەشھۇر تارىخىي ۋەقە. جىن بەگلىكى جۇ سۇلالىسى خان جەمەتى بىلەن ئوخشاش فامىلىلىك سۇيۇرغال بەگلىك ئىدى. جۇ گۇڭ تاڭ بەگلىكىنى يوقاتقاندىن كېيىن، زېمىنىنى جۇپىڭۋاڭنىڭ ئىنىسى شۇ يۈيگە سۇيۇرغال قىلىپ بۆلۈپ بەرگەنىدى. شۇ يۈينىڭ ئوغلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن بەگلىك نامىنى جىنغا ئۆزگەرتتى. ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جىن بەگلىكىدە بەگ جەمەتى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان ئىچكى يېغىلىقى يۈز بەردى، جىن بەگلىكىنىڭ بېگى بەگ جەمەتىدىكىلەرگە يەر بۆلۈپ بېرىش ۋە ئەمەل - مەنسەپ بېرىش چارىسىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق بەگ جەمەتىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىن بەگنىڭ تەختىگە كېلىدىغان تەھدىتىنى تۈگەتتى. لېكىن، بۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت تەدرىجىي ھالدا تۆرىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن جىن بەگلىكى «جەمەت ھاكىمىيىتى» گە ئايلىنىپ، تۆرىلەر ھەممىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالدى، بەگلىكنىڭ بېگى قورچاققا ئايلىنىپ قالدى، ھەتتا خالىغانچە ئۆلتۈرۈلدى ياكى بىكار قىلىندى. «جەمەت» ئاساسلىقى جى جەمەتى، خەن جەمەتى، ۋېي جەمەتى، جاۋ جەمەتى، فەن جەمەتى، جۇڭشىڭ جەمەتلىرىنى كۆرسىتەتتى. جاۋ شياڭزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە فەن جەمەتى جۇڭشىڭ جەمەتىنى سىقىپ چىقىرىپ، تۆت تۆرە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى453 - يىلى جىن بەگلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى جى بو خەن، ۋېي، جاۋ جەمەتلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، بەگ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، خەن كاڭزى، ۋېي خۇەنزى، جاۋ شياڭزىلارنىڭ ھەربىرىدىن100 چاقىرىملىق زېمىن ۋە مۇشۇ100 چاقىرىم جايدىكى ئاھالىنى تارتىۋالماقچى بولدى. خەن جەمەتى، ۋېي جەمەتى مۇتتەھەم جى جەمەتىدىن قورققاچقا، بەرمەسلىككە پېتىنالمىدى. ئەمما جاۋ جەمەتى بويسۇنمىدى. شۇنىڭ بىلەن جى جەمەتى خەن جەمەتى بىلەن ۋېي جەمەتىنى جاۋ جەمەتىگە بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇرلاپ، جاۋ جەمەتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى جىنياڭ (ھازىرقى سەنشىدىكى تەييۈەن) نى قورشىۋالدى. جىنياڭ شەھىرى ناھايىتى مۇستەھكەم بولغاچقا، بىر يىل قورشاپمۇ ئالالمىدى، شۇنىڭ بىلەن جى بو فېنشۇي دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ كېلىپ شەھەرنى سۇغا باستۇردى، شەھەر ئىچىدىكىلەر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. جاۋ جەمەتى خەن، ۋېي جەمەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا كالپۇك يوق بولسا چىش توڭلايدىغانلىقىدىن ئىبارەت قائىدىنى چۈشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن خەن، جاۋ، ۋېي جەمەتلىرى بىرلىشىپ جى بونى ئۆلتۈرۈپ، جىن بەگلىكىدە بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. جى جەمەتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، خەن، ۋېي، جاۋ جەمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئۇلار جىن بەگلىكى جەمەتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، ئۈچ جەمەت جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، جىن بەگلىكىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقلىرىنى مۇستەھكەملىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى403 - يىلى ئۈچ جەمەت تەڭلا لوياڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ، جۇ سۇلالىسى تەڭرىقۇتى ۋېيليېۋاڭدىن ئۆزلىرىگە سۇيۇرغال بەگ مەرتىۋىسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا دۆلەت كۈچى ئاجىزلاپ، سۇيۇرغال بەگلىكلەر بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغۇدەك مادارى قالمىغان جۇ سۇلالىسى تەڭرىقۇتى جىن بەگلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان بۆلۈشۈۋېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش تۇتۇپ، خەن، ۋېي، جاۋ جەمەتلىرىگە بەگلىك مەرتىۋىسىنى بەردى. ئۈچ جەمەت ئوتۇغات نامىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ھەرقايسىسى پايتەخت ۋە ئەجدادلار ئىبادەتخانىسى قۇرۇپ، چىن، چۇ، چى، يەن بەگلىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەتتە كۈچلۈك بەگلىك دەپ ئاتالدى. تارىخ تەرەققىي قىلىپ يېغىلىق دەۋرىگە كىردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
ئۈچ جەمەتنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki