UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرخەيلەنپاۋ پاجىئەسى

خەيلەنپاۋ پاجىئەسى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر 1900- يىلى7 - ئايدا دەل سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پەيتتە، چارروسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوشۇن چىقىرىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خەيلەنپاۋ قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. خەيلەنپاۋ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئەيخۇي ناھىيىسى خېيخې بازىرىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەلمىساقتىن بۇيان جۇڭگولۇقلار ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن بازار ئىدى،1858 - يىلى (شيەنفېڭنىڭ8 - يىلى) چارروسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.1900 - يىل7 - ئاينىڭ16 - كۈنى چارروسىيىنىڭ ئارمىيە ۋە ساقچىلىرى7000 دىن ئارتۇق جۇڭگو پۇقراسىنى خەيلەنپاۋ ساقچى ئىدارىسىگە ھەيدەپ كەلدى. ئەتىسى يەنە دۆلىتىگە يولغا سېلىپ قويۇش نامى بىلەن جۇڭگو پۇقرالىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىغا ھەيدەپ كەلدى، سەپتىن چۈشۈپ قالغان نۇرغۇن قېرى، كېسەل، مېيىپلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. كىشىلەر دەريا بويىغا يېتىپ كېلىپ، دولقۇنلىنىپ ئېقىۋاتقان دەريادا بىرمۇ كېمىنى كۆرمىدى. چارروسىيە ھەربىي، ساقچىلىرى كىشىلەرنى تاسما بىلەن ئۇرۇپ، قىلىچ بىلەن چېپىپ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ دەريادىن ئۆتۈشكە ھەيدىدى. ئۇلار ھەتتا ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى بىر - بىرىگە باغلاپ بىر قاتار قىلىپ، دەرياغا ئىتتەردى. دەرياغا چۈشكەنلەر دولقۇنلۇق دەريا سۈيىگە غەرق بولدى ياكى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، سۇغا چۈشكىلى ئۇنىمىغانلار قىرغاقتا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.80 نەچچىسى كۈچەپ قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ ئۆتۈپ قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن سىرت،6000 -7000 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق قېرىنداش ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
خەيلەنپاۋ پاجىئەسى | UyghurWiki | UyghurWiki