پىرقىۋازلارنى نەزەربەند قىلىش ۋەقەسى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھەرەم ئاغىلىرى ھاكىممۇتلەقلىق قىلىپ قانۇننى كۆزگە ئىلماي زوراۋانلىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكى داۋالغۇش ۋە ئەنسىزچىلىكنى كۈچەيتىۋەتتى. بىر قىسىم بيۇروكراتلار بىلەن ئوردا خانلىق بىلىم يۇرتىنىڭ تالىپلىرى بىرلىشىپ ئوردا ھاكىمىيىتى توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە قوزغاپ، ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھىغا شىددەتلىك زەربە بەردى، ئەينى ۋاقىتتا بۇلار «ئەھلى ئىلىملەر» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىدىن لى يىڭ، چېن فەن، گو تەي، جيا بياۋ قاتارلىقلار بار ئىدى. ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى ئۇلارغا چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ بولغاچقا، ئىككى قېتىم «پىرقىۋازلارنى نەزەربەند قىلىش ۋەقەسى» نى پەيدا قىلدى.
مىلادىيە166 - يىلى ھەرەمئاغىلىرىنىڭ شېرىكى جاڭ چېڭ ھوقۇقى ۋە كۈچىگە تايىنىپ ئوغلىنىڭ خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە يول قويغاچقا، مۇپەتتىش چېرىكچى لى يىڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى جاڭ چېڭنىڭ شاگىرتلىرىنى پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇپ، لى يىڭ قاتارلىقلارنى ئوردا بىلىم يۇرتىنىڭ تالىپلىرى بىلەن بىرلىشىپ پىرقە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوردىنى قارغاپ، مالىمانچىلىق چىقىرىش قەستىدە بولدى، دەپ قارا چاپلاشقا كۈشكۈرتتى. ئارقىدىنلا ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى پادىشاھ خەن خۇەندىگە مەجبۇرىي پەرمان چۈشۈرگۈزۈپ، لى يىڭ قاتارلىق200 «پىرقىۋاز» نى قولغا ئالدى. ئوركانبەگ چېن فەن پادىشاھقا مەلۇمات يوللاپ لى يىڭ قاتارلىقلارنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇمۇ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. كېيىنكى يىلى گەرچە «پىرقىۋازلار» قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق «ئۆمۈرۋايەت نەزەربەند قىلىنىپ»، قايتا مەنسەپدار بولالمىدى. مانا بۇ بىرىنچى قېتىملىق پىرقىۋازلارنى نەزەربەند قىلىش ۋەقەسىدۇر.
ئىككىنچى قېتىملىق پىرقىۋازلارنى نەزەربەند قىلىش ۋەقەسى مىلادىيە169 - يىلى يۈز بەردى. ئەينى ۋاقىتتا خەن لىڭدى تېخى گۆدەك بولغاچقا، پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقىنى دۇ ۋۇ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، نەزەربەند قىلىنغان «پىرقىۋازلار» نى قايتىدىن ئىشقا قويۇپ، لى يىڭ قاتارلىقلارنى ئوردىغا چاقىرىپ كېلىپ، ھەرەمئاغىلىرىنى مەخپىي ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ پىلانى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى ئاۋۋال قول سېلىپ دۇ ۋۇنى ئۆلتۈردى، ئاندىن دۇ خانىكە بىلەن خەن لىڭدىغا تەھدىت سېلىپ لى يىڭ قاتارلىق100 نەچچە كىشىنى قايتىدىن قولغا ئېلىپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇدى. ئارقىدىنلا ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى يەنە پۈتۈن مەمىلىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «پىرقىۋازلار» نى ئاختۇرۇپ تۇتتى، بۇ جەرياندا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ600 -700 «پىرقىۋاز» ئۆلتۈرۈلدى، سۈرگۈن قىلىندى ياكى زىندانغا تاشلاندى. مىلادىيە176 - يىلى ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى يەنە خەن لىڭدىنى مەجبۇرلاپ پەرمان چۈشۈرگۈزۈپ، ئومۇمەن «پىرقىۋازلار» نىڭ شاگىرتلىرى، مۇرىتلىرى، ئاتا - بالا، قېرىنداشلىرى ھەمدە جەمەتداش، شىرەم تۇغقانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنسىپىنى ئېلىپ تاشلاپ نەزەربەند قىلدى. بۇ قېتىمقى پىرقىۋازلارنى نەزەربەند قىلىش ۋەقەسىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، دەھشەتلىكلىكى1 - قېتىملىقىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.184
- يىلى سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىنلا «پىرقىۋازلار» نىڭ دېھقانلار قوشۇنى بىلەن بىرلىشىۋېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، خەن لىڭدى ئاندىن «پىرقىۋازلار» نى ئومۈميۈزلۈك كەچۈرۈم قىلدى.