چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى پۇقرالار كۈرىشى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
مىڭ شېنزۇڭ جۇ يىجۈن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خان ئوردىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ قان - تەرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن شورىدى. مىلادىيە1596 - يىلىدىن باشلاپ ئۇ قول - سانائەت ۋە سودا تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرگە ھەرەمئاغىلىرىنى «باج تەپتىشى»، «كان تەپتىشى» قىلىپ ئەۋەتىپ، پۇقرالارنىڭ مال - دۇنياسىنى بۇلاپ - تالىدى.
باج تەپتىشلىرى مۇھىم شەھەرلەردە سۇ ھەمدە قۇرۇقلۇق قاتناش لىنىيىلىرىدە توسۇقلارنى قۇرۇپ، سودىگەرلەرنى توسۇپ مەجبۇرىي باج يىغدى. چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سۇ قاتناش لىنىيىسىدە قەدەمدە بىر توسۇق قۇرۇلدى، ھەتتا بىر كۈن قاتنىسا بەش - ئالتە قېتىم باج ئېلىندى. پۇقرالارنىڭ ھارۋا، كېمە، ئۆيلىرى، چارۋا - مال، ئاشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىدىن باج ئېلىندى. كان تەپتىشلىرى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى، ئۇلار ھەمىشە پالانچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىدا ئالتۇن بار، پوكۇنچىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسنىڭ ئاستىدا كۈمۈش بار، دەپ سۆز - چۆچەك تارقىتاتتى. سۆز - چۆچەك قىلىنغۇچىلار ئامالسىز كاتتا سوۋغا - سالاملارنى ئەۋەتىپ باش ئۇرۇپ يالۋۇرۇپ، ئۆيلىرى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قالاتتى. بەزىلىرى ھەتتا ئۆيۋاقىدىن، مال - بىساتىدىن پاك - پاكىز ئايرىلىپ قېلىپمۇ، يەنىلا ئۆيى ۋەيران بولۇش، ئەجدادلىرىنىڭ قەبرىسى كولىنىش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمايتتى.
كان تەپتىشى، باج تەپتىشلىرىنىڭ غالجىرانە تالان - تاراج قىلىشى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى.1601 - يىلى مىڭ شېنزۇڭ باج تەپتىشى سۇن لۇڭنى جياڭسۇغا باج - يىغىشقا ئەۋەتتى. سۇن لۇڭ سۇجۇدا باج چازىلىرىنى قۇرۇپ، سودا بېجى يىغدى، يىپەك توقۇمىچىلىق قول سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دەستىگاھ ئائىلىلىرىدىن ئالىدىغان باجنىمۇ كۆپەيتىپ، «ھەربىر دەستىگاھتىن ئۈچ سەر كۈمۈش باج ئالدى». دەستىگاھ ئائىلىلىرى دەستىگاھخانىلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىش ھەققىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىمۇ ئىشسىز قالدى. غەزەپلەنگەن2000 دىن ئارتۇق ئامما توقۇمىچىلىق ئىشچىسى گې شيەننىڭ باشچىلىقىدا كوچىغا چىقىپ باج مەھكىمىسىنى قورشىۋېلىپ، يامانغا يانتاياق بولغان باج بېگىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، سۇن لۇڭ قورققىنىدىن كېچىلەپ خاڭجۇغا قېچىپ كېلىۋالدى.
شۇ يىلى ۋۇچاڭدىكى10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما باج تەپتىشى چېن فېڭنىڭ تۇرالغۇسىنى قورشىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئالتە قولچوماقچىسىنى چاڭجياڭ دەرياسىغا تاشلىۋەتتى ھەمدە چېن فېڭنى قانات ئاستىغا ئالغان باش مۇپەتتىش يامۇلىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. كېيىن، مىڭ شېنزۇڭ چېن فېڭنى بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى.
ئەڭ كەسكىن كۈرەش يۈننەندە يۈز بەردى. يۈننەن خەلقى خې شىشۈننىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، باج مەھكىمىسىنى ۋە باج تەپتىشى ياڭ رۇڭنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە ياڭ رۇڭنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردى.
چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردامىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن كاپىتالىزم بىخلىنىشقا باشلىدى، بۇ رايونلاردىكى خەلقنىڭ كان تەپتىشىگە، باج تەپتىشىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قاتار كۈرەشلىرى شەھەر خەلقى كۈرىشى خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تارىختا «چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى پۇقرالار كۈرىشى» دەپ ئاتالدى.