جۇۋۇۋاڭنىڭ شاڭ پادىشاھى جۇغا جازا يۈرۈشى قىلىشى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى جۇ — جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر زوراۋان پادىشاھ. ئۇ ھەشەمەتلىك قەسىر، راۋاقلارنى سالدۇرۇپ، كۈن بويى «ئېسىل شارابلارنى قانغۇچە ئىچىپ، مول نازۇ نېمەتلەرنى تويغۇچە يەپ»، ئامراق خانىشى دا جى ۋە ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئەيش - ئىشرەت، كەيىپ - ساپا ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزدى. شاڭ جۇ ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن باج - سېلىقنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. پۇقرالار قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتسە، دەھشەتلىك جازالار بىلەن باستۇردى. ئۇ ۋەھشىيانە «داغلاش» جازاسىنى قوللىنىپ، ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى چوغدەك قىزىتىلغان مىس تۈۋرۈككە باغلاپ، داغلاپ ئۆلتۈردى. تاغىسى بى گەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىۋىدى، ئۇ ياۋۇزلىشىپ بى گەننىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋالدى. شاڭ جۇۋاڭنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقى كىشلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى، داۋالغۇپ تۇرغان جەمئىيەت خۇددى قايناۋاتقان سۇدەك پورۇقلاشقا باشلىدى.
بۇ چاغدا، ۋېيخې دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان جى فامىلىلىك جۇ قەبىلىلىرى پەيدىنپەي قۇدرەت تاپتى، سەردارى جۇ ۋۇۋاڭ − جى فا شاڭ سۇلالىسىنى يوقىتىشنى پائال پىلانلىدى. ئۇ، ئاتىسى جۇ ۋېنۋاڭنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جياڭ شاڭ قاتارلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇردى. شاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى يىراق شەرق تەرەپتە جەڭ قىلىۋاتقان، دۆلەت ئىچىدىكى لەشكىرىي كۈچ ئاجىز تۇرغان پەيتتە، جۇۋۇۋاڭ ھەرقايسى قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ300 جەڭ ھارۋىسى،3000 كىشىلىك مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى،45 مىڭ پىيادە لەشكەرنى باشلاپ جۇۋۇۋاڭ تۇرۇشلۇق جاي — چاۋگېغا70 چاقىرىملا كېلىدىغان مۇيې (ھازىرقى خېنەندىكى چىشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى) غا يېتىپ كېلىپ داغدۇغىلىق قەسەمياد يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، شاڭ جۇۋاڭنىڭ جىنايەتلىرىنى بىر - بىرلەپ ساناپ، قوشۇننى شاڭ جۇۋاڭ بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
قوشۇن قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۆتكەپ بولۇنمىدى، شاڭ جۇۋاڭ ئالدىراپ - تېنەپ قۇللارنى تەشكىللەپ، ئورغاق، نەيزە قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللاندۇردى. مۇيېدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە شاڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئىچىدىكى شاڭ جۇۋاڭنىڭ قاتتىق زۇلۇمىغا ئۇچرىغان قۇللار نەيزىنى ئارقىغا قارىتىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، جۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ چاۋگېغا يۈرۈش قىلدى. پەيتنىڭ قولدىن كەتكىنىنى كۆرگەن شاڭ جۇۋاڭ ئوتقا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى. جۇ ۋۇۋاڭنىڭ شاڭ پادىشاھى جۇغا جازا يۈرۈشى قىلىشى نەتىجىسىدە، شاڭ سۇلالىسى ھالاك بولۇپ، جۇ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. شۇ يىلى تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1027 - يىلى ئىدى.