UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرگۇاڭجۇ مىللىي ھۆكۈمىتى

گۇاڭجۇ مىللىي ھۆكۈمىتى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر گۇاڭجۇ مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى »جۇڭخۇا مىنگو مىللىي ھۆكۈمىتى« بولۇپ، سۇن جۇڭشەننىڭ دايۈەنشۇەي مەھكىمىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. سۇن جۇڭشەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گومىنداڭ ۋە مىللىي ھۆكۈمەت ھەممە ئېتىراپ قىلغان داھىيسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئەينى چاغدىكى ئىچكى - تاشقى سىياسىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى1926 - يىل6 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئىلگىرىكى بىر باشلىقلىق تۈزۈمدىكى دايۈەنشۇەي مەھكىمىسىنى كومىتېت تۈزۈمىدىكى مىللىي ھۆكۈمەت قىلىپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.7 - ئاينىڭ1 - كۈنى «جۇڭخۇا مىنگو مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» ۋە خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ، گۇاڭجۇدا مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى. گۇاڭجۇ مىللىي ھۆكۈمىتى ئىنقىلابىي بىرلىك سەپ ھاكىمىيىتى بولۇپ، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نازارەتچىلىكىدە كومىتېت تۈزۈمىنى يۈرگۈزدى. مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىي16 ئەزاسى بار بولۇپ، ۋاڭ جىڭۋېي، خۇ خەنمىن، تەن يەنكەي، شۈي چۇڭجى، لىن سېن قاتارلىق بەش كىشى دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بولدى. ۋاڭ جىڭۋېي مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، خۇ خەنمىن، لياۋ جۇڭكەي، سۇن كې، شۈي چۇڭجى، شۈي جيەنلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، قاتناش مىنىستىرلىكى، ھەربىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرى بولدى. بورودىن مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى. مىللىي ھۆكۈمەت ئاساسىي جەھەتتىن سۇن جۇڭشەن ھايات ۋاقتىدا بېكىتكەن پرىنسىپلار بويىچە تەشكىللەنگەن بولۇپ، بىرخىل يېڭىچە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ئىدى. مىللىي ھۆكۈمەت ھازىرقى مىللىي ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنىڭ ھەر خىل تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى بىكار قىلىش ۋە مىللىي قۇرۇلتاي چاقىرىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە جۈنگە ئۆزگەرتىلدى ھەمدە شىمالغا يۈرۈش قىلدى.1927 - يىلى1 - ئايدا مىللىي ھۆكۈمەت ۋۇخەنگە يۆتكەلدى، بۇ ھۆكۈمەت ئادەتتە «ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
گۇاڭجۇ مىللىي ھۆكۈمىتى | UyghurWiki | UyghurWiki