كىتاب - نامەلەرنى كۆيدۈرۈپ، كۇڭزىچى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈش
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
كىتاب - نامەلەرنى كۆيدۈرۈپ، كۇڭزىچى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈش چىن شىخۇاڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللانغان زوراۋانلىق تەدبىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىدىيە، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينىدى ھەمدە مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكىگە يول ئېچىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى213 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، چىن شىخۇاڭ شيەنياڭدىكى ئوردىسىدا ۋەزىر - ۋۇزرالىرىغا زىياپەت بەردى. پالچى جۇ چىڭچېن چىن شىخۇاڭنىڭ مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىسىنى مەدھىيىلەپ، ئالىيلىرى جاھاننى تىنچىتىپ قۇياشتىنمۇ ئارتۇق يورۇتتىلا، ئاۋام پۇقرالارنىڭ ھەممىسى قايىل بولۇشتى. پۈتۈن مەملىكەتنى ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە ئايرىپ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلدىلا، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى تۈگىدى، چىن سەلتەنىتى ئەبەدىي گۈللەپ ياشنىغۇسى، دېدى. ئۆلىما چۈن يۈييۆ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ۋە قەدىمكى ئىلىملەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، كىتاب - دەستۇرلارنى پىششىق ئوقۇغانلىقىنى پەش قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ جۇ چىڭچېنغا رەددىيە بەردى. ئۇ: شاڭ، جۇ سۇلالىلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىل دەۋران سۈرەلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى − سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەنلىكىدە. ھازىر سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ۋىلايەت - ناھىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خان جەمەتىدىكىلەر پۇقرالار بىلەن تەڭ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، بىر سۇڭ يەرمۇ سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلمىدى. ناۋادا بەزىلەر ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولسا، ئۆزئارا قۇتۇلدۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ، ئەلنى ئۇزاققىچە ئەمىن تاپتۇرماقچى بولساق، جەزمەن قەدىمكى دەۋرنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، دېدى. ۋەزىر لى سى چۈن يۈييۆ ئېيتقان قەدىمكى دەۋرنىڭ تەجرىبىلىرى ئۆگىنىشكە ئەرزىمەيدۇ، كۇڭزىچى ئۆلىمالار ھازىرقى دەۋردىكى قانۇنلارنى ئۆگەنمەي، قەدىمكىنى ئەتىۋارلاپ بۈگۈنكىنى ئىنكار قىلىپ، ئاۋام - پۇقرالارنىڭ ئىدىيىسنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ، دۆلەت تەرىپىدىن ساقلانغان كىتاب - نامەلەر ۋە چىن بەگلىكىنىڭ تارىخنامىلىرى، تېبابەتچىلىك، پالچىلىق، يېزا ئىگىلىكىگە دائىر كىتابلاردىن باشقا «نەزمنامە»، «نەسرنامە» قاتارلىق ھەر خىل ئېقىملارنىڭ بارلىق كىتاب - نامەلىرىنى ۋە ئەسلىدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ تارىخنامىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىردەك كۆيدۈرۈۋېتىش تەكلىپىنى بەردى. چىن شىخۇاڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، كىتاب - نامەلەرنى كۆيدۈرۈشكە پەرمان چۈشۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتە كىتاب - نامەلەر كەڭ كۆلەمدە كۆيدۈرۈلۈپ، قەدىمكى سان - ساناقسىز مەدەنىيەت كىتاب - نامەلىرى كۈلگە ئايلاندى. مانا بۇ، «كىتاب - نامەلەرنى كۆيدۈرۈش» ۋەقەسىدۇر.
كېيىنكى يىلى يەنە «كۇڭزىچى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈش» ۋەقەسى يۈز بەردى. چىن شىخۇاڭ بۇ خانىدانلىققا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ قېرىتمايدىغان خاسىيەتلىك دورا ئىزدىدى ھەمدە كىمىيارگەرلەرنى قېرىماسلىقنىڭ دورىسىنى ياساشقا بۇيرۇدى. خۇ شېڭ ۋە لۇ شېڭدىن ئىبارەت ئىككى كىمىياگەر چىن شىخۇاڭنى قارغاپ، چىن شىخۇاڭ جازالاش ۋە ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسەتمەكچى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن خاسىيەتلىك دورا تاپمايمىز، دېيىشتى. چىن شىخۇاڭ كىمىياگەرلەر بىلەن كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرغەزەپكە كېلىپ، ئۇلارنى ئېنىقلاشقا پەرمان چۈشۈردى. سوراق قىلىش ۋە ئۆزئارا پاش قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغان460 نەچچە كىمىياگەر ۋە كۇڭزىچى ئۆلىما تىرىك كۆمۈلدى. مانا بۇ، «كۇڭزىچى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈش» ۋەقەسى.