UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرشىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى

شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ، شىمال مىلىتارىستلىرى بېيجىڭدا قۇرغان مەركىزىي ھاكىمىيەت. شىنخەي ئىنقىلابى چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن،1912 - يىلى جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.1912 - يىل2 - ئاينىڭ13 - كۈنى سۇن جۇڭشەن ئىلاجسىز ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.15 - كۈنى ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتاسى يۈەن شىكەينى ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭلۇققا سايلىدى.3 - ئاينىڭ10 - كۈنى يۈەن شىكەي بېيجىڭدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش دەۋرى باشلاندى. دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىمۇ فېئودال مىلىتارىستلارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. شىمال مىلىتارىستلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان16 يىل ئىچىدە سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ، يېغىلىقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.1916 - يىلى يۈەن شىكەينىڭ كېسەل بولۇپ ئۆلۈشى بىلەنلا شىمال مىلىتارىستلىرى ئەنخۇي، جىلى، فېڭتيەن قاتارلىق گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ھەرقايسى گۇرۇھلار ئۆزئارا پۇت تېپىشىپ نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىدى، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ10 نەچچە كىشى دازۇڭتۇڭ، ھۆكۈمەت باشلىقى، نايىپ زۇڭتۇڭ بولدى.29 كىشى ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى ۋە مۇۋەققەت زۇڭلى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۇەن چىرۇي بەش قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىدى، جۇ چىلىن بولسا ئىككى كۈنلا مۇۋەققەت زۇڭلىلىق ئورنىدا ئولتۇرالىدى. شىمال مىلىتارىستلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە زۇلمەتلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. سىرتقا قارىتا چەت ئەل جاھانگىرلىكى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىگىلىك ھوقۇقنى يوقىتىپ ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرگەچكە، خەلق ئارممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقى قوزغالدى.1928 - يىلى ئەتىيازدا گومىنداڭنىڭ جياڭ جيېشى، فېڭ يۈيشاڭ، يەن شىسەن، لى زۇڭرېندىن ئىبارەت تۆت چوڭ يېڭى مىلىتارىستلىرى بىرلىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، بېيجىڭنى كونترول قىلىپ تۇرغان فېڭتيەن سىستېمىسىدىكى مىلىتارىست جاڭ زولىنغا ھۇجۇم قىلدى.6 - ئاينىڭ2 - كۈنى جاڭ زولىن بارلىق قوشۇنىغا شەنخەيگۇەننىڭ سىرتىغا چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى. شىمال مىلىتارىستلار ئىچكى كابىنېتى تارقىلىپ كەتتى.6 - ئاينىڭ4 - كۈنى، مىللىي ھۆكۈمەت يەن شىشەننى بېيجىڭ - تيەنجىن ئامانلىق ساقلاش باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ، بېيجىڭنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تولۇق ھوقۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى | UyghurWiki | UyghurWiki