UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەردۇڭلىن پىرقىسىگە زىيانكەشلىك قىلىش ناھەق دېلوسى

دۇڭلىن پىرقىسىگە زىيانكەشلىك قىلىش ناھەق دېلوسى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ۋېي جۇڭشيەن باشچىلىقىدىكى ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى «دۇڭلىن پىرقىسىدىكىلەر» گە قارشى بىر چوڭ ناھەق دېلو پەيدا قىلدى، زور بىر تۈركۈم ھەققانىيەتچىل، پەزىلەتلىك كىشىلەر دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى يىللىرى (مىلادىيە1573 - يىلىدىن1619 - يىلىغىچە) مەنسەپ - تۇتۇق پىرقىسىنىڭ كاتاۋۇلى گۇ شيەنچېڭ مىڭ شېنزۇڭنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغاچقا، مەنسىپىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇ يۇرتى ۋۇشىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ يۇرتىغا قايتقان گاۋ پەنلۇڭ، چيەن يىبېن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ خىراجەت توپلاپ، تاشلىۋېتىلگەن دۇڭلىن كۇتۇپخانىسىنى رېمونت قىلىپ، بۇ جايدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇلار لېكسىيىلىرىدە ئوردا ھاكىمىيىتىدىكى خاتالىقلار توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە قىلىپ، ئوردىدىكى ھوقۇقپەرەسلەرگە، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ھەرەمئاغىلىرىغا زەربە بەردى. ئوردىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ ئۇلارنى قوللىدى. بۇ كىشىلەر ئۆزئارا دوست تارتىشىپ، پەيدىنپەي تەسىر كۈچكە ئىگە بىر سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ شەكىللەندى. ئۇلار بەگ، تۆرىلەر، ھوقۇقدار ۋەزىرلەرنىڭ يەرلەرنى تارتىۋالغانلىقىغا، كان تەپتىشلىرىنىڭ ئۆز مەيلىچە باج يىغىشتەك زوراۋانلىقلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئاشكارا پىكىر قىلىش، چىرىك سىياسىينى ئىسلاھ قىلىش، ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. دۇڭلىن كۇتۇپخانىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قارشى تۇرىدىغان ئوردىدىكى ھوقۇقدارلار ۋە ھەرەمئاغىلىرى گۇ شيەنچېڭ قاتارلىقلارنى ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنى «دۇڭلىن پىرقىسىدىكىلەر» دەپ ئاتىدى. تيەنچى يىللىرى (مىلادىيە1621 - يىلىدىن1627 - يىلىغىچە) ھەرەمئاغىسى ۋېي جۇڭشيەن مىڭ شىزۇڭ — جۇ يۇشياۋنىڭ گۆدەك، ئەقىلسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى، تەخسىكەش بيۇروكراتلار بەس - بەستە ۋېي جۇڭشيەننىڭ ئايىغىغا باش ئۇرۇپ، ھەرەمئاغىلىرى پىرقىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ چاغدا، مەشھۇر دۇڭلىن پىرقىسى ئەزاسى، سول قول ئورۇنباسار باش تەپتىشبەگ ياڭ ليەن يۇقىرىغا مەلۇمات يوللاپ، ۋېي جۇڭشيەننىڭ24 تۈرلۈك جىنايىتىنى پاش قىلدى. ئارقىدىنلا70 نەچچە كىشى ۋېي جۇڭشيەننى بەس - بەستە پاش قىلدى. ھەرەمئاغىلىرى پىرقىسىدىكىلەر غالجىرانە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، «دۇڭلىن پىرقىسى كاتتىۋاشلىرى خاتىرىسى» نى ئويدۇرۇپ چىقىپ «سۇ بويىدا» دىكى دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ لەقەملىرىنى دۇڭلىن پىرقىسىدىكىلەرگە چاپلاپ، زور ناھەق دېلو ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق ياڭ ليەن، زو گۇاڭدۇ، خۇاڭ زۇنسۇ قاتارلىق زور بىر تۈركۈم دۇڭلىن پىرقىسىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلىدى. ھاماقەت مىڭ شىزۇڭ ۋېي جۇڭشيەننىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە ئىشىنىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق كۇتۇپخانىلارنى چېقىۋېتىپ، لېكسىيە سۆزلەشنى توختىتىپ، جامائەت پىكرىنى بېسىشقا پەرمان چۈشۈردى. ھەرەمئاغىلىرى پىرقىسىدىكىلەرنىڭ كۈچى بىر مەھەل غالجىرلاشتى، ئوردا ھاكىمىيىتى تېخىمۇ چىرىكلەشتى. مىلادىيە1627 - يىلى مىڭ شىزۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، دۇڭلىن پىرقىسىدىكىلەر شىن بېگى جۇ يۇجيەن (يەنى چۇڭجېن خان) نى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىرىپ، ھەرەمئاغىلىرى پىرقىسىدىكىلەرنى باستۇرۇشقا كىرىشتى. ۋېي جۇڭشيەن ئۆلۈۋالدى، ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى، بەزىلىرى ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، دۇڭلىن پىرقىسىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ناھەق دېلوسى ئاقلاندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
دۇڭلىن پىرقىسىگە زىيانكەشلىك قىلىش ناھەق دېلوسى | UyghurWiki | UyghurWiki