UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر64 مەھەللە پاجىئەسى

64 مەھەللە پاجىئەسى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر چارروسىيە يەنە خەيلەنپاۋ قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن،1900 - يىلى7 - ئايدا خېيلۇڭجياڭدا دەريانىڭ شەرقىدىكى64 مەھەللە قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. دەريانىڭ شەرقىدىكى64 مەھەللە خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا70 نەچچە كىلومېتىر، شەرقتىن - غەربكە40 نەچچە كىلومېتىر كېلەتتى، جەمئىي64 كەنت بار ئىدى، بۇ، ئەلمىساقتىن تارتىپ جۇڭگولۇقلار ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن جاي بولۇپ، ئەيخۇي ناھىيىسىگە قارايتتى. «جۇڭگو - روسىيە ئەيخۇي شەرتنامىسى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ جايدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بار بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى، چارروسىيە «تاجاۋۇز قىلسا بولمايتتى». بىراق تاجاۋۇزچىلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئىمزا قويغان شەرتنامىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى.1900 - يىلى (گۇاڭشۈينىڭ26 - يىلى)7 - ئاينىڭ18 - كۈنىدىن باشلاپ چارروسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى دەريانىڭ شەرقىدىكى مەھەللىلەرگە ئۈسۈپ كىرىپ، ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈپ، مال - مۈلۈكلەرنى بۇلاپ - تالاپ،7000 دىن ئارتۇق جۇڭگو پۇقراسىنى قىرىپ تاشلىدى.8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چارروسىيە ھۆكۈمىتى دەريانىڭ شەرقىدىكى64 مەھەللىنىڭ چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر