UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق ۋە توغرىسىغا ئىتتىپاق

ئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق ۋە توغرىسىغا ئىتتىپاق

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر يېغىلىق دەۋرىدە چى، چۇ، يەن، خەن، جاۋ، ۋېي، چىندىن ئىبارەت يەتتە بەگلىك تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە چى، چىن بەگلىكلىرى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، شەرق - غەربتە تىركىشىپ ئىتتىپاقداش بەگلىكلەرنى تالىشىپ، قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلىشقا ئۇرۇندى. باشقا بەش بەگلىكمۇ ئاجىزلىقىغا باقماي، چى، چىن بەگلىكلىرى بىلەن گاھىدا قارشىلىشىپ، گاھىدا بىرلەشتى. چوڭ بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى كۈچىيىپ، دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتايىن جانلىنىپ، ئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق ۋە توغرىسىغا ئىتتىپاق كۈرىشى كېلىپ چىقتى. ئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق جەنۇب - شىمالغا ئۇزۇنىسىغا تىزىلغان بەگلىكلەر ئۆزئارا بىرلىشىپ كۈچلۈك بەگلىككە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، چى، چىن بەگلىكلىرىنىڭ ئاجىز بەگلىكلەرنى قوشۇۋېلىشىنى چەكلەشنى؛ توغرىسىغا ئىتتىپاق چىن ياكى چى بەگلىكلىرىنىڭ بىر قىسىم بەگلىكلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، باشقا بىر قىسىم بەگلىكلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. دەسلەپتە، ئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق بىلەن توغرىسىغا ئىتتىپاق دائىم ئۆزگىرىپ تۇردى. گۇڭ سۇنيەن، جاڭ يى، سۇ چىن قاتارلىقلار ھەرقايسى بەگلىكلەردە كېزىپ يۈرۈپ، ئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق تۈزگەندە چى بەگلىكىگىمۇ، چىن بەگلىكىگىمۇ قارشى تۇرغىلى بولىدۇ، توغرىسىغا ئىتتىپاق تۈزگەندە چىن بەگلىكى بىلەنمۇ، چى بەگلىكى بىلەنمۇ بىرلەشكىلى بولىدۇ، دەپ ۋەز ئېيتتى، مانا بۇ ئاتالمىش «چىن بەگلىكىگە بېقىنىپ، چۇ بەگلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» (ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا بېقىنىش) تۇر. كېيىن چىن بەگلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، شەرقتىكى ئالتە بەگلىككە ئورتاق تەھدىت سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق ئالتە بەگلىك بىرلىشىپ كۈچلۈك چىن بەگلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىتتىپاقىغا، توغرىسىغا ئىتتىپاق ئالتە بەگلىك ئايرىم - ئايرىم ھالدا چىن بەگلىكى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ تىنچلىققا ئېرىشىش ئىتتىپاقىغا ئايلاندى. چىن بەگلىكىنىڭ توغرىسىغا ئىتتىپاق قۇرۇشتىكى مەقسىتى ئالتە بەگلىكنىڭ ئۇزۇنىسىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنى يېتىم قالدۇرۇپ، بىر - بىرلەپ يوقىتىش ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى313 - يىلىنىڭ بىر كۈنى چىن بەگلىكىنىڭ ئەلچىسى جاڭ يى چۇ بەگلىكىگە كېلىپ، چۇ خۇەيۋاڭغا: «چىن بېگى جانابلىرى بىلەن قېرىنداش بەگلىك بولۇشنى، ئەگەر جانابلىرى چى بەگلىكى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزسە،600 چاقىرىم يەر تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ، ئىككى بەگلىك مەڭگۈ ئىناق ئۆتىدۇ» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان چۇ خۇەيۋاڭ خۇشاللىقىدا شۇ ھامان ماقۇل بولدى ھەمدە جاڭ يىغا ھەمراھ قىلىپ چىن بەگلىكىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، زېمىن تاپشۇرۇۋالماقچى بولدى. بىراق چىن بەگلىكى زېمىنىغا كىرىش بىلەنلا جاڭ يى يالغاندىن ھارۋىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئاغرىپ قالدىم دەپ چىققىلى ئۇنىماي، چۇ بەگلىكىنىڭ ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى. چۇ خۇەيۋاڭ چىن بېگىنىڭ يەر تەقدىم قىلىشنى كەينىگە سۆرەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىن بېگى چۇ بەگلىكىنىڭ چى بەگلىكى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۈزمىگەنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاپ شىمالغا ئادەم ئەۋەتىپ چى بېگىنى قاتتىق تىللىغۇزدى. چى بېگى قاتتىق غەزەپلىنىپ، چۇ بەگلىكى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى ھەمدە چىن بەگلىكى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. چۇ بەگلىكى ئەلچىسى جاڭ يىدىن يەر تەقدىم قىلىشنى سۈيلىگەندە، جاڭ يى: «سىلەرگە بەرگىلى600 چاقىرىم يەر نەدە تۇرۇپتۇ، خاتا ئاڭلاپ قاپسىلەر، ئاران6 چاقىرىم كەڭلىكتىكى يەر ئەمەسمۇ؟» دېدى. چۇ خۇەيۋاڭ ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، لەشكەر تارتىپ چىن بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىش قارارىغا كەلدى، نەتىجىدە، چىن بەگلىكى بىلەن چى بەگلىكىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، قاتتىق مەغلۇپ بولدى. ئارقىدىنلا لەنتيەندىكى جەڭدە چۇ بەگلىكى يەنە چىن بەگلىكى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، چىن بەگلىكىگە ئىككى شەھەرنى بۆلۈپ بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چۇ بەگلىكى بىر پەشۋا يېگەنچە قايتا باش كۆتۈرەلمىدى. مانا بۇ، جاڭ يىنىڭ توغرىسىغا ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتىنى قوللىنىپ، چىن بېگىگە ياردەملىشىپ دۈشمەن بەگلىكلەر ئىتتىپاقىنى پارچىلاپ، چىن بەگلىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشى ھەققىدىكى تىپىك مىسال.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر