ئاپەتنى يوقىتىش ئۇرۇشى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
مىڭ تەيزۇ − جۇ يۈەنجاڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىگىلا، بالا كەلسە قېرىنداشتىن دېگەندەك، تاغا بىلەن جىيەننىڭ تەخت تالىشىشىدەك تراگېدىيە يۈز بەردى. مىڭ تەيزۇنىڭ4 - ئوغلى جۇ دى لەشكەر تارتىپ جىيەن ئوغلى جۇ يۈنۋېننى خانلىق تەختتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى تەختكە چىقتى. ئاپەتنى يوقىتىش جېڭى دېگىنىمىز مانا مۇشۇ.
مىڭ تەيزۇ − جۇ يۈەنجاڭ65 ياشقا كىرگەندە، ۋەلىئەھد ئالەمدىن ئۆتتى،16 ياشلىق چوڭ نەۋرىسى جۇ يۈنۋېن ۋەلىئەھد قىلىپ بېكىتىلدى. بىر كۈنى مىڭ تەيزۇ ۋەلىئەھد بىلەن نەزم توقۇشتى، مىڭ تەيزۇ «شامالدا تال بولۇپ يەلپۈنەر ئات قۇيرۇقى» دېگەن باش مىسرانى توقۇسا، ۋەلىئەھد «يامغۇر ياغسا كىگىزگە ئايلىنار قوي يۇڭلىرى» دەپ جاۋاب مىسرا توقۇدى. مىڭ تەيزۇ بۇنى ئاڭلاپ رىتىمىنىڭ ئىنتايىن چۈشكۈنلۈكىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلى پەرىشان بولدى. بۇ چاغدا، مىڭ تەيزۇنىڭ4 - ئوغلى يەن بېگى جۇ دى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىغا ئۆتۈپ: «قۇياش نۇرىدا چاقنار ئەجدىھا قاسىراقلىرى» دەپ جاۋاب قايتۇردى، بۇنى ئاڭلىغان مىڭ تەيزۇ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەن بېگىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلىدى ھەمدە ۋەلىئەھدىلىككە ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىر - ۋۇزرالار كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغاچقا بولدى قىلدى.
مىلادىيە1398 - يىلى مىڭ تەيزۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ۋەلىئەھد سۇن يۈنۋېن تەختكە چىقىپ، يىلنامىنى جيەنۋېنگە ئۆزگەرتتى. بۇ چاغدا، پادىشاھ ئاجىز، سىرتتىكى ۋاسساللار كۈچلۈك ئىدى، ۋاسسال بەگلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ تاغىلىرى بولۇپ، ھەربىي - مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلىگەنىدى. پادىشاھ جيەن ۋېندى بۇنىڭدىن قاتتىق خاتىرجەمسىزلىنەتتى، شۇڭلاشقا چى تەي، خۇاڭ زىدېڭ قاتارلىقلارنىڭ «ۋاسساللارنى ئاجىزلىتىش» پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولدى.
دەسلەپتە، يەن بېگى جۇ دىنىڭ گەرچە يامان نىيىتى بولسىمۇ، بىراق يەڭگىللىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمىغانىدى، ھەتتا يالغاندىن قاتتىق ئاغرىپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، جيەنۋېن پادىشاھنىڭ خۇدۈكسىنىشىدىن ساقلاندى. كېيىن پادىشاھ جيەن ۋېندى ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە ۋاسسال بەگنىڭ بەگلىك مەرتىۋىسىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنى ئاددىي پۇقرالىققا چۈشۈرۈۋەتتى. جۇ دى قېرىنداشلىرىنىڭ مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئورنىنىمۇ ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، سەركەردە ۋە لەشكەرلەرنى يوشۇرۇنچە مەشىق قىلدۇرۇپ، مەركەزگە قارشى تۇرۇش قارارىغا كەلدى. مىلادىيە1399 - يىلى جۇ دى ئوردىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، مۇناپىق ۋەزىرلەرنىڭ ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، «پادىشاھنىڭ ئەتراپىنى تازىلاش» نامى بىلەن بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) دىن لەشكەر تارتىپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى ھەمدە بۇنى «ئاپەتنى يوقىتىش» دەپ ئاتىدى.
بۇ ئىچكى ئۇرۇش ئىلگىرى - كېيىن تۆت يىل داۋاملاشتى. پادىشاھ جيەن ۋېندى چىرىك، ئاجىز بولۇپ، مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ھەربىي جەھەتتە بولسۇن تاغىسى جۇ دىغا رەقىب بولالمايتتى. پادىشاھ جيەن ۋېندى كۆپ قېتىم قوشۇن ئەۋەتىپ جازا يۈرۈشى قىلغان بولسىمۇ، ھەر قېتىم ئاپەتنى يوقىتىش قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. جيەنۋېننىڭ4 - يىلى (مىلادىيە1402 - يىلى)، ئاپەتنى يوقىتىش قوشۇنى نەنجىڭنى ئىگىلىدى، پادىشاھ جيەن ۋېندى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. جۇ دى نەنجىڭغا كىرگەندىن كېيىن، پادىشاھ جيەن ۋېندىنىڭ يېقىن ۋەزىرلىرى چى تەي، خۇاڭ زېدىڭ، فاڭ شياۋرۇ قاتارلىقلارنى ئۆلتۈردى، بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشى چېتىلدى. جۇ دى پادىشاھلىق تەختكە چىقىپ، مىڭ چېڭزۇ دەپ ئاتالدى، يىلنامىنى يۇڭلېغا ئۆزگەرتتى.