UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرجىنەن پاجىئەسى

جىنەن پاجىئەسى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر 1928 - يىلى نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى قېتىم شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، شىمالدىكى فېڭتيەن مىلىتارىستى جاڭ زولىنغا ھۇجۇم قىلدى. ياپونىيە شىمالغا يۈرۈش قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن «مۇھاجىرلارنى قوغداش» نى باھانە قىلىپ، يولسىزلىق بىلەن قوشۇن چىقىرىپ جىنەننى بېسىۋالدى.5 - ئاينىڭ1 - كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى جىنەنگە كىردى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇن ئوفىتسېر ۋە ئەسكىرى ياپون ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.5 - ئاينىڭ2 - كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر كوماندىرىمۇ ياپون ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.5 - ئاينىڭ3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت00 :9 دا ياپون ئارمىيىسى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگو ئارمىيە، خەلقىدىن3600 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى ئادەم ئەۋەتىپ ياپون ئارمىيىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى، ياپون ئارمىيىسى خەلقئارا بەلگىلىمىلەرنى كۆزگە ئىلماي، گومىنداڭنىڭ ئالاھىدە دىپلوماتىيە خادىمى سەي گۇڭشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغان17 كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، شىمالغا يۈرۈش ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكىرى جىنەن شەھىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئايلىنىپ شىمالغا ئىلگىرىلىگەندىن كېيىن ياپون ئارمىيىسى شەھەردە ئۇدا بىرنەچچە كۈنگىچە ۋەھشىيانە بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلدى، ئوت قويۇپ، ئادەم ئۆلتۈردى. بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەدە جۇڭگو ئارمىيە، خەلقىدىن جەمئىي3900 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى،1500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، ھەددى - ھېسابسىز مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى.1929 - يىلى3 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى جىنەن پاجىئەسى مەسىلىسىدە، ياپون ئارمىيىسى جىنەندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش، ياپون ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگو ئارمىيە، خەلقىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە مال - مۈلۈكلەرگە زىيان سالغانلىقىنى بىراقلا يوققا چىقىرىشتىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر