تورغۇتلارنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
خېبېيدىكى چېڭدې يازلىق ئارامگاھىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پۇتۇ ماھايانا ئىبادەتخانىسىدا بىر ئابىدە شىپىڭى بار، شىپاڭدا ناھايىتى چوڭ ئۈچ پارچە تاش ئابىدە بار، ئابىدە تېكىستلىرىدە، ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ تورغۇت قەبىلىسىنىڭ ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا140 نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن، مىلادىيە1771 - يىلى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش جەريانى ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىق ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن.
تورغۇتلار جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ تۆت قەبىلىسىنىڭ بىرى بولۇپ، يالچى ئىشلنۇرا (ھازىرقى شىنجاڭدىكى چۆچەك ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى ئۇلزار) رايونىدا ياشىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ئىدى.16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، تورغۇتلارنىڭ غەربىي قىسىمدىكى يايلاقلىرى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، ئىشىم دەرياسى ئەتراپلىرىغا قەدەر كېڭەيدى. ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ تۆت قەبىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەچكە، تورغۇت قەبىلىسىنىڭ سەردارى خو ئۆرلۈك1628 - يىلى قەبىلىسىنى باشلاپ غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.
تورغۇت قەبىلىسى ئىككى يىلدىن كۆپرەك جاپالىق سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەينى چاغدا ئادەمزات ئاياغ باسمىغان ئىدىل دەرياسى (ھازىرقى ۋولگا دەرياسى) نىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى كىچىك ئېقىنلارنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ جايدا يېڭىدىن كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى باشلىغاندىن كېيىن، چاروسىيە ھۆكۈمىتى دەرھال ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتى، ھەتتا قوراللىق باستۇردى. تورغۇت قەبىلىسى قارشىلىق كۆرسەتتى، تورغۇتلارنىڭ سەردارى خو ئۆرلۈك باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلىرى قەيسەر تورغۇتلارنى تىز پۈكتۈرەلمىدى، ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋەتەننى ياد ئېتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيراتلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئۈزۈلدۈرمەي ئەلچى ئەۋەتىپ، ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. تورغۇتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ئاخىر كاڭشى خاننى تەسىرلەندۈردى، كاڭشى خان1712 - يىلى باش دىۋان ئەمەلدارىنى ئۇلاردىن ھال سوراشقا ئەۋەتتى.1771
- يىلىنىڭ بېشىدا تورغۇتلار سەردار ئوباشنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جاپا - مۇشەققەتلىك ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى توسۇش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىپ قوغلىدى. كۆپ قېتىملىق كەسكىن كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تورغۇت قەبىلىسى ئاخىر6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو چېگرىسىغا كىردى.
چيەنلۇڭ خان رېخېدىكى يازلىق ئارامگاھىدا ئوباش قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، تورغۇتلارنى شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىغا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئورۇنلاشتۇردى. تورغۇت قەبىلىسى ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغاندا170 مىڭ ئادىمى بار ئىدى، قىسقىغىنە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەك ئادىمى سەپەر جەريانىدىكى جەڭ، شۇنداقلا ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور قۇربانلارنى بەردى.