UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى

ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر 1926 - يىلى7 - ئايدا مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ خۇنەن، خۇبېي جەڭگاھلىرىدا ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىنقىلاب مەركىزى تەدرىجىي گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى رايونىدىن خۇنەن - خۇبېيغا يۆتكەلدى.11 - ئاينىڭ26 - كۈنى گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي قۇرۇلتاي ئېچىپ، مىللىي ھۆكۈمەتنى ۋۇخەنگە يۆتكەشنى قارار قىلدى.12 - ئاينىڭ7 - كۈنى گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي ھۆكۈمەت گۇاڭجۇدىكى ئىشلىرىنى توختىتىپ، تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شىمالغا كۆچتى. بىرىنچى تۈركۈمدە ۋۇخەنگە يېتىپ بارغان مەركىزىي كومىتېت ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرى12 - ئاينىڭ31 - كۈنى «جۇڭگو گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق بىرلەشمە مەجلىسى» بولۇپ تەشكىللەندى ھەمدە گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈپ، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى. بىرلەشمە مەجلىس شۈي جيەن، سۇن كې، چېن يۇرېن، سۇڭ زىۋېن، سۇڭ چىڭلىڭ، دېڭ يەندا، ۋۇ يۈيجاڭ، تاڭ شېڭجى، دۇڭ بىۋۇ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپتى، شۈي جيەن رەئىسلىكنى، بورودىن مەسلىھەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالدى.1927 - يىل1 - ئاينىڭ1 - كۈنى ۋاقىتلىق بىرلەشمە مەجلىس مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەندە رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.2 - ئاينىڭ21 - كۈنى ۋۇخەندە گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى ئىجرائىيە ھەيئەتلىرى بىلەن مىللىي ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلىپ، ۋاقىتلىق بىرلەشمە مەجلىسنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. مەركىزىي پىرقە ۋە مىللىي ھۆكۈمەت شۇ كۈندىن باشلاپ ۋۇخەندە رەسمىي ئىشقا چۈشتى.3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گومىنداڭنىڭ2 - نۆۋەتلىك3 - ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىپ «جۇڭخۇا مىنگو مىللىي ھۆكۈمىتى تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھىسى»، «مىللىي ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرىنى ئۆزگەرتىش لايىھىسى»، «مىللىي ھۆكۈمەت مىنىستىرلىكلىرىنى تەسىس قىلىش لايىھىسى» نى ماقۇللاپ،28 ئادەمنى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلىدى. ۋاڭ جىڭۋېي، سۇن كې، شۈي جيەن، تەن يەنكەي، سۇڭ زىۋېن قاتارلىقلار دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولدى، رەئىس تەسىس قىلىنمىدى. ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى مەزگىلدە روسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى - دېھقانلارغا يار - يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، جاھانگىرلىككە، فېئودال ھەربىي مىلىتارىستلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى.1927 - يىل7 - ئاينىڭ15 - كۈنى ۋاڭ جىڭۋېي گۇرۇھىدىكىلەر ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلدى.9 - ئاينىڭ16 - كۈنى نەنجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى ئاخىرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر