نيۇ سېڭرۇ پىرقىسى بىلەن لى دېيۈي پىرقىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
«نيۇ سېڭرۇ پىرقىسى بىلەن لى دېيۈي پىرقىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش» — تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى. بۇ يەنە «پىرقىۋازلىق كۈرىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
نيۇ سېڭرۇ پىرقىسى نيۇ سېڭرۇ - لى زۇڭمىن باشچىلىقىدىكى بيۇروكراتلار گۇرۇھىنى، «لى دېيۈي پىرقىسى» لى دېيۈي باشچىلىقىدىكى بيۇروكراتلار گۇرۇھىنى كۆرسىتىدۇ. نيۇ سېڭرۇ پىرقىسىدىكىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باش كۆتۈرۈپ چىققانلار بولۇپ، ئاۋام پومېشچىكلىرىغا تەۋە ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى تۆۋەن بولۇپ، جاپالىق ئۆگىنىش ئارقىلىق تەشرىپدار بولۇپ مەنسەپكە ئېرىشكەنلەر ئىدى. لى دېيۈي پىرقىسىدىكىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى تۆرىلەر جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى ئىدى. ئۇلار ھەمىشە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مەنسەپ - مەرتىۋىسىگە تايىنىپ ئەمەلدار بولۇۋالغان بولغاچقا،«دۆلەتمەنلەر» دىن چىققانلار دەپ ئاتىلاتتى.
قارىماققا نيۇ سېڭرۇ پىرقىسى بىلەن لى دېيۈي پىرقىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش خۇددى ئاددىي بيۇروكراتلار بىلەن ئېسىلزادە بيۇرۇكراتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىككى پىرقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئىختىلاپى بار ئىدى. ئىككى پىرقە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئىككى بولۇپ، بىرى، ئەمەلدارلارنى قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق تاللاش. نيۇ سېڭرۇ پىرقىسىدىكىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى بېرىپ باش كۆتۈرۈپ چىققاچقا، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى ئارقىلىق تەشرىپدار بولۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى؛ لى دېيۈي پىرقىسىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتمەنلەردىن كېلىپ چىققاچقا، دۆلەتمەنلەر يولى بويىچە ئەمەلدار بولۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. يەنە بىرى، ۋاسساللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش. لى دېيۈي پىرقىسىدىكىلەر ئوردىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمىغان ۋاسساللارنى باستۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى تەشەببۇس قىلاتتى، نيۇ سېڭرۇ پىرقىسىدىكىلەر ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئىككى پىرقىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىختلاپى بولغاندىن سىرت يەنە شەخسىي ئۆچ - ئاداۋىتىمۇ بار ئىدى. ئىككى پىرقىنىڭ كونكرېت مەسىلىلەردە ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەق - ناھەق قارىشى بار ئىدى، نيۇ سېڭرۇ، لى زۇڭمىنلار ھاكىمىيەت ئىشلىرى توغرىسىدا سۆز - چۆچەك تارقاتقاچقا، ۋەزىر لى جىفۇنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ مەنسىپى تۆۋەنلىتىلگەنىدى، لى دېيۈي لى جىفۇنىڭ ئوغلى ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئىككى تەرەپنىڭ ئاداۋىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئەگەر چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ قالسا، قارشى تەرەپنى چەتكە قاقاتتى ۋە بىربىرىگە زەربە بېرەتتى. تاڭ مۇزۇڭنىڭ چاڭچىڭ يىللىرى (مىلادىيە821 - يىلىدىن824 - يىلىغىچە) نيۇ سېڭرۇ ۋەزىر بولغاندا، لى دېيۈينى چەتكە قېقىپ ئوردىدىن چىقىرىۋەتتى. لى دېيۈي سىچۇەننىڭ ھېراۋۇلى بولغاندا، تۈبۈت سەركەردىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھىم شەھەر ۋېيجۇنى قايتۇرۇۋالدى. نيۇ سېڭرۇ ئۆز ھېسسىياتى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تەسلىم بولغان سەركەردە ۋە شەھەرنى تۈبۈتلەرگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. تاڭ ۋۇزۇڭ زامانىسىغا كەلگەندە (مىلادىيە841 - يىلىدىن846 - يىلىغىچە) لى دېيۈي باش ۋەزىر بولۇپ، نيۇ سېڭرۇ، لى زۇڭمىنلارنى جەنۇبقا قوغلىۋەتتى. تاڭ ۋۇزۇڭ ئۆلۈپ، تاڭ شۈەنزۇڭ تەختكە چىققاندا، نيۇ سېڭرۇ پىرقىسىدىكىلەردىن بەي مىنجۇڭ باش ۋەزىر بولدى، نيۇ سېڭرۇ پىرقىسىدىكىلەر يەنە ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا قويۇلدى، لى دېيۈي پىرقىسىدىكىلەرنىڭ مەنسىپى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىلدى. لى دېيۈي يىراقتىكى ياجۇغا قوغلىۋېتىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلدى.
ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇ خىل گۇرۇھۋازلىق كۈرىشى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلىق كرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى.