خۇ جىڭ توپىلىڭى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
مىلادىيە547 - يىلى لياڭ ۋۇدى − شياۋ يەن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، شەرقىي ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ سەركەردىسى خۇ جىڭنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلدى، نەتىجىدە، بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرگەچكە، تۆت يىلغا سوزۇلغان «خۇ جىڭ توپىلىڭى» يۈز بەردى.
خۇ جىڭ تۇتامى يوق، مەيدانسىز ئادەم ئىدى. ئۇ دەسلەپتە شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى ئېر جۇرۇڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىدى، كېيىن يەنە شەرقىي ۋېي سۇلالىسىدىكى گاۋ خۇەنگە ئىتائەت قىلىپ، خېنەننى قوغدايدىغان ئۇلۇغ سانغۇنلۇققا تەيىنلەندى. مىلادىيە547 - يىلى گاۋ خۇەن ئۆلگەندىن كېيىن، خۇ جىڭ بىلەن شەرقىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن گاۋ دېڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خېنەندىكى13 ئايماقنىڭ زېمىنىنى كۆرۈشۈش سوۋغىسى قىلىپ، غەربىي ۋېي سۇلالىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تەسلىم بولماقچى بولدى. غەربىي ۋېي ھۆكۈمرانى خۇجىڭنىڭ مەككار، تۇتۇرۇقسىز ئادەملىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، ئۇنىڭدىن زېمىن بىلەن لەشكىرىي ھوقۇقنى تەڭ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شەرقىي، غەربىي ۋېي پادىشاھلىقلىرىنىڭ قىستاپ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە، خۇ جىڭ جەنۇبتىكى لياڭ پادىشاھلىقىدىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولدى. قېرىغان، چىرىكلەشكەن، ھاماقەت لياڭ ۋۇدى بۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ خۇ جىڭنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى خېنەن بېگىلىكىگە تەيىنلىدى.
كېيىنكى يىلى خۇ جىڭ لياڭ پادىشاھلىقى خان جەمەتىدىكى شياۋ جېڭدې بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى. ئۇ لەشكەر باشلاپ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) نىڭ مەركىزى تەيچېڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇدا130 نەچچە كۈن قورشاۋغا ئالدى. شەھەر جەسەتلەرگە تولدى، شەھەردىكى ئاھالىنىڭ10 دىن2 -3 ىلا قالدى، شەھەر ئېلىنغاندىن كېيىن، خۇجىڭ86 ياشلىق لياڭ ۋۇدىنى نەزەربەند قىلدى، لياڭ ۋۇدى ئاچلىق ۋە ئەلەمدىن ئۆلدى. خۇ جىڭ دەسلەپتە، شياۋ جېڭدېنى پادىشاھ قىلدى، ئۇزاق ئۆتمەي لياڭ ۋۇدىنىڭ ۋەلىئەھدى شياۋ گاڭنى پادىشاھ (جيەنۋېندى) قىلىپ تىكلەپ، شياۋ جېڭدېنى بوغۇپ ئۆلتۈردى.
خۇ جىڭ قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىش ۋە ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتا ئىنتايىن قەبىﮫ ئىدى، ئۇ يىلمۇيىل جياڭدۇڭغا لەشكەر تارتتى، قول ئاستىدىكىلەرگە ھەممىلا جايدا قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى، ھەتتا ئادەمنى بېلىگىچە كۆمۈپ، لەشكەرلەرگە ئۇنى ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ئوقيا بىلەن ئېتىشقا، چېپىشقا پەرمان چۈشۈردى. ئەينى ۋاقىتتا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن رايونلىرى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانىدى. مىلادىيە551 - يىلى خۇ جىڭ جيەنۋېندىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى توپا قاچىلانغان تاغارغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، شياۋ دۇڭنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە شياۋ دۇڭنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، دۆلەت نامىنى خەنگە ئۆزگەرتتى.
خۇ جىڭنىڭ زوراۋانلىقى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى، لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ بەزى سەركەردىلىرىمۇ خۇ جىڭنى يوقىتىش چاقىرىقى ئاستىدا لەشكەر تارتتى.552 - يىلى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ سەركەردىسى چېن باشيەن، ۋاڭ سېڭبيەنلەر جيەنكاڭ شەھىرىنى ئىگىلىدى، ئاسىي قوشۇن ئېغىر مەغلۇپ بولدى، خۇ جىڭ قېچىپ كېتىۋاتقاندا، قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.