نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سۇن جۇڭشەن شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن نەنجىڭدە قۇرغان بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت.1911
- يىل10 - ئاينىڭ10 - كۈنى ۋۇچاڭدىكى تۇنجى قوزغىلاڭ غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇستەقىل بولغان ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى11 - ئاينىڭ30 - كۈنى خەنكۇدا يىغىن ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.12 - ئاينىڭ29 - كۈنى17 ئۆلكىنىڭ ۋەكىلى نەنجىڭىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي پروگراممىسى» غا ئاساسەن سۇن جۇڭشەننى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلاپ، دۆلەت نامىنى «جۇڭخۇا مىنگو» دەپ بېكىتتى.1912 - يىلى يېڭى يىلدا سۇن جۇڭشەن نەنجىڭدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.1 - ئاينىڭ3 - كۈنى لى يۈەنخۇڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. ئاۋۋال توققۇز مەمۇرىي مىنىستىرلىك، ئارقىدىن قوماندانلىق شتابى قۇرۇلدى.1 - ئاينىڭ28 - كۈنى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتاسى قۇرۇلۇپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزدى.3 - ئاينىڭ11 - كۈنى بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى خاراكتېرىنى ئالغان «جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى» ھەمدە دېموكراتىك سىياسىيغا ۋە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بىر قاتار قانۇن - سىياسەتلەر ئېلان قىلىندى.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇنچىلار، ئىنقىلابچىلار ۋە كونا بيۇروكراتلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇن جۇڭشەن باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابچىلىرى رەھبىرىي ئورۇندا تۇردى. بىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت جاھانگىرلىك ۋە دەللال پومېشچىكلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاچقا، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن،1912 - يىل2 - ئاينىڭ13 - كۈنى سۇن جۇڭشەن نائىلاج ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭلۇقتىن ئىستېپا بەردى.15 - كۈنى كېڭەش پالاتاسى يۈەن شىكەينى ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭلۇققا سايلىدى.4 - ئاينىڭ1 - كۈنى سۇن جۇڭشەن ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بېيجىڭغا يۆتكەلدى. يۈەن شىكەي ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئاخىرلاشتى.