ئۈچ ۋاسسال توپىلىڭى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى پادىشاھى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۆزى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئۈچ چوڭ ئىشنى لەۋھەگە يېزىپ ئوردىدىكى تۈۋرۈككە ئېسىپ قويدى. بۇ ئۈچ چوڭ ئىشنىڭ بىرىنچىسى — ئۈچ ۋاسسال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى.
«ئۈچ ۋاسسال» غەربنى تىنچىتقۇچى بەگ ۋۇ سەنگۇي، جەنۇبنى تىنچىتقۇچى بەگ شاڭ كېشى، جىڭنەن بېگى گېڭ جىڭجۇڭلارنى كۆرسىتەتتى. ۋۇ سەنگۇي، شاڭ كېشى ۋە گېڭ جىڭجۇڭنىڭ بوۋىسى گېڭ جۇڭمىڭ ئەسلىدە مىڭ سۇلالىسىنىڭ لياۋدۇڭدىكى چېگرا سانغۇنلىرى ئىدى، كېيىن چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇب - شىمالنى بويسۇندۇرۇشى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشىدا زور تۆھپە ياراتقاچقا، چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بەگ مەرتىۋىسى بېرىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتارىدا ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغانىدى. ۋۇ سەنگۇي يۈننەندە مۇداپىئەدە تۇرۇپ، قوشۇمچە گۇيجۇنى باشقۇراتتى، شاڭ كېشى گۇاڭدۇڭدا مۇداپىئەدە تۇراتتى، گېڭ جىڭجۇڭ فۇجيەندە مۇداپىئەدە تۇراتتى، ئۇلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبتىكى يىراق چېگرا رايونلارنى كونترول قىلىشتىكى توسۇقى ئىدى. ئۈچ ۋاسسالنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇرغۇن كىشىلىك زور لەشكىرىي قوشۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ۋۇ سەنگۇينىڭ كۈچى ئەڭ زور ئىدى. ئۇلار قورال كۈچىگە تايىنىپ ئايرىم بىر تەرەپنى بۆلۈۋالغان بولۇپ، ھەر يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى بەرگەن نۇرغۇن ھەربىي تەمىناتقا ئېرىشىپ، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۈچۈن ئاپەتكە ئايلانغانىدى.
مىلادىيە1673 - يىلى كاڭشى خان ۋاسساللارنى بىكار قىلىش پەرمانى چۈشۈردى. شۇ يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە11 - ئايدا ۋۇ سەنگۇي توپىلاڭ كۆتۈردى، ئۇ ئۆزىنى «جۇ خانى» دەپ ئاتاپ، «مىڭ سۇلالىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ياتلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش» شوئارى ئاستىدا، بىر تەرەپتىن پۈتۈن مەملىكەتكە تەشۋىقات ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن لەشكەر ئەۋەتىپ خۇنەننى ئىگىلىدى. گېڭ جىڭجۇڭ فۇجيەن، گۇاڭشىنى؛ شاڭ كېشىنىڭ ئوغلى شاڭ جىشىن گۇاڭجۇنى ئىگىلەپ، تەڭلا توپىلاڭ كۆتۈردى. كۆپلىگەن خەنزۇ ياساۋۇل بەگلىرىمۇ تۇشمۇتۇشتىن توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋۇ سەنگۇيگە ئىتائەت قىلىشتى. ۋۇ سەنگۇي بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق يەتتە ئۆلكىنى ئىگىلىۋالدى. كاڭشى خان قوشۇن توپلاپ، ۋۇ سەنگۇينىڭ ئاسىي قوشۇنىغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلدى، توپىلاڭغا قاتناشقان باشقا ۋاسساللار، ياساۋۇل بەگلىرى ۋە باش مۇپەتتىشلەرگە قارىتا دالالەت قىلىش بىلەن يوقىتىشنى تەڭ ئىشقا سېلىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاخىر1681 - يىلى سەككىز يىلغا سوزۇلغان «ئۈچ ۋاسسال توپىلىڭى» نى تىنچىتتى. ئەينى ۋاقىتتا ۋۇ سەنگۇي ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نەۋرىسى ۋۇ شىفەن ئۇنىڭ جەندىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. ۋۇ شىفەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى كۇنمىڭ شەھىرىنى ئېلىش ئالدىدا ئۆلۈۋالدى. ئۈچ ۋاسسال توپىلىڭى تىنچىتىلىپ، دۆلەت قايتىدىن بىرلىككە كەلدى