UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرنەنجىڭ پاجىئەسى

نەنجىڭ پاجىئەسى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر 1927 - يىل3 - ئاينىڭ23 - كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى نەنجىڭغا يېقىنلاپ قالدى، شەھەرنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن شىمال مىلىتارىست قىسىملىرى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ چېكىنىشكە تەييارلاندى. بۇ چاغدا نەنجىڭ شەھىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەر ۋە لۈكچەكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇلاڭ - تالاڭغا كىرىشتى.24 - كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى نەنجىڭغا كىردى، مالىمانچىلىق يەنىلا داۋاملاشتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت3 تىن40 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شياگۈەن دەرياسىغا توختىتىپ قويۇلغان ھەربىي پاراخوتلىرى مۇھاجىرلارنى ۋە كونسۇلخانىلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ نەنجىڭ شەھىرىنى بىر سائەت شىددەتلىك توپقا تۇتۇپ، جۇڭگو خەلقىدىن2000 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى، نۇرغۇن ئۆي - ئىمارەتلەرنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىپ، نەنجىڭ پاجىئەسىنى پەيدا قىلدى. پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر جۇڭگودىكى قوشۇنلىرىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتتى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەردىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە تۆلەم تۆلىدى ھەمدە «توپىلاڭچى» ئۇنسۇرلارنى جازالاشقا ماقۇل بولدى، لېكىن جۇڭگو خەلقىنىڭ تارتقان ئېچىنىشلىق زىيانلىرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر