UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىكى

ۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىكى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر تاڭ سۇلالىسى رۈيزۇڭنىڭ جىڭيۈن2 - يىلى(مىلادىيە711 - يىلى) چېگرا رايونلاردىكى باش لەشكىرىي قوماندانلار ھېراۋۇل دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. ھېراۋۇلنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلار «ۋاسساللىق» دەپ ئاتىلاتتى، شۇڭلاشقا ئۇلار يەنە «ۋاسسال» دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭىدىن كېيىن ئوردا تەسلىم بولغان بىر تۈركۈم مۇھىم سەركەردىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، ئۇلارنى تۇرۇشلۇق جايلىرىنىڭ ھېراۋۇللۇقىغا تەيىنلىدى، ئىچكىرىدىكى ئايماق - ۋىلايەتلەرمۇ تامامەن دېگۈدەك ھېراۋۇللار تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى. بەزى ھېراۋۇللار ئون نەچچە ئايماقنى باشقۇرسا، بەزىلىرى ئۈچ - تۆت ئايماقنى باشقۇراتتى. بەزى جايلارنىڭ ھېراۋۇللىرى ئوردىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ يەرلىكتە لەشكەر قوبۇل قىلىپ، ئات سېتىۋېلىپ، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ياساپ، ئەمەلدارلارنى ئۆزى خالىغانچە تەيىنلەپ، پىرقىۋازلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆز ئالدىغا باج - سېلىق يىغىپ فېئودال بۆلۈنمىچى كۈچ بولۇپ شەكىللەندى. بەزى ھېراۋۇللار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن مەنسىپىنى ئوغلى ياكى يېقىنلىرىغا قالدۇرىدىغان بولدى. ئوردا پەقەت ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئېتىراپ قىلاتتى. مىلادىيە781 - يىلى چېڭدې ھېراۋۇلى ئۆلگەندىن كېيىن لى ۋېييۆ ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئوردا تەرىپىدىن رەت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن لى ۋېييۆ ۋېيبو، زىچىڭ، شەننەندۇڭداۋ قاتارلىق جايلارنىڭ ھېراۋۇللىرى بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭ كۆتۈردى. خۇەيشى ھېراۋۇلى لى شىليېنىڭ ھەربىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ قوشۇن ئەۋەتىپ شياڭچېڭ (ھازىرقى خېنەندىكى شياڭچېڭ) نى قورشىۋالدى، لوياڭ، چاڭئەنلەر زىلزىلىگە كەلدى. تاڭ دېزۇڭ جىڭيۈەن ھېراۋۇلى ياۋ لىڭيەننى ياردەمگە بېرىشقا بۇيرۇدى. جىڭيۈەن لەشكەرلىرى چاڭئەنگە كەلگەندە توپىلاڭ كۆتۈردى. ئۇلار ھەرەمئاغىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇدۇل خان ئوردىسىغا بۆسۈپ كىردى. تاڭ دېزۇڭ ئالدىراپ - تېنەپ ئارقىدىكى گۈللۈكتىن قېچىپ چىقىپ، ئۇدۇل فېڭتيەن (ھازىرقى شەنشىدىكى چيەنشيەن ناھىيىسى) گە كەلدى. ئاسىي قوشۇن چاڭئەندە بۇرۇنقى جىڭيۈەن ھېراۋۇلى جۇ سىنى چىن پادىشاھى دەپ تىكلىدى. تاڭ دېزۇڭ نائىلاج لى شىليې قاتارلىق كۈچلۈك ۋاسساللار بىلەن مۇرەسسەلەشتى. جۇ سى ئاسىي قوشۇننى باشلاپ فېڭتيەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. تاڭ دېزۇڭ شوفاڭ ھېراۋۇلى لى خۇەيگۇاڭنى ياردەمگە بېرىشقا يۆتكىدى. كىم بىلسۇن، لى خۇەيگۇاڭمۇ جۇ سى بىلەن بىرلىشىپ تاڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇردى. تاڭ دېزۇڭ شەھەر ئىچىدە ئاشلىق تۈگىگەن، تاشقى جەھەتتە ياردەمچى قوشۇن يوق جىددىي ئەھۋالدا يەنە لياڭجۇ (ھازىرقى شەنشىدىكى خەنجۇڭ) غا قېچىپ كەلدى. گەرچە مىلادىيە786 - يىلى لى شىليې ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ خىل مالىمانچىلىق ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە تىنچىغان بولسىمۇ، بىراق ۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملىشىپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئۇزاققىچە تىنچىمىدى. ۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىكى ۋە قالايمىقانچىلىقلىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىپ، ئاۋام - پۇقرالارنى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار قىلدى، نوپۇس زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى. ئوردا ئامالسىز يۇقىرى مەنسەپ، كاتتا ئىنئاملار بەدىلىگە تەكەببۇر سەركەردە ۋە لەشكەرلەرنى جىمىقتۇرىدىغان ۋاقىتلىق ئەمىنلىككە ئېرىشتى. ئاخىر مىلادىيە907 - يىلى، تارىختا بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن تاڭ سۇلالىسى ۋاسسال جۇ ۋېن تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر