UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرزىياپەت ئارقىلىق ھەربىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش

زىياپەت ئارقىلىق ھەربىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر مىلادىيە960 - يىلى جاۋكۇاڭيىن چېنچياۋ ھەربىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، سېرىق تون كىيىپ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى پادىشاھى بولغاندىن كېيىن، ھاراق - شاراب ئىچىشىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا ئۇلۇغ سەركەردىلەرنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى بىكار قىلدى. مانا بۇ تارىختىكى «زىياپەت ئارقىلىق ھەربىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش» ۋەقەسىدۇر. جاۋ كۇاڭيىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، كۆڭلىدە دائىم بىر ئىشنى ئويلاپ خاتىرجەم بولالمىدى. ئۇ: ئۆزۈمغۇ ھەربىي ھوقۇققا تايىنىپ پادىشاھلىق تەختىگە چىقتىم، مانا ئەمدى مۇھاپىزەتچى قوشۇننى باشقۇرۇۋاتقانلار ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەلگەندە ماڭا ئوخشاش مېنىڭ پادىشاھلىق تەختىمنىمۇ تارتىۋالارمۇ؟ دەپ ئويلايتتى. تەدبىرلىك ۋەزىر جاۋ پۇ سۇڭ تەيزۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيۇپ ئامالىنى قىلماقچى بولدى ھەمدە ئىككىسى بىرلىشىپ پىلان تۈزدى. بىر كۈنى سۇڭ تەيزۇ مۇھاپىزەتچى قوشۇننى باشقۇرىدىغان شى شۇشىن، گاۋ خۇەيدې قاتارلىقلارنى ئارقا سارايغا تەكلىپ قىلىپ، بىللە مەي ئىچىپ پاراڭلاشتى. مەي ئىچىپ راسا خۇش كەيپ بولغاندا، سۇڭ تەيزۇ تۇيۇقسىز: «ھەرقايسىڭلارنىڭ ياردىمىڭلار بولمىغان بولسا، كەمىنە پادىشاھ بولالمايتتىم، لېكىن پادىشاھ بولماقمۇ ئىنتايىن قىيىن ئىش ئىكەن، ئۇنىڭدىن ھېراۋۇل بولغان ياخشى ئىكەن. كەمىنە ھازىر كېچە - كېچىلەپ غەم قىلىپ، تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم» دېدى. شى شۇشىن قاتارلىقلار شۇئان ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئويلاپ بېقىڭلار، جاھاندا كىمنىڭ پادىشاھ بولغۇسى يوق؟» دېدى. شى شۇشىن قاتارلىقلار: «ھازىر تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ئايان بولدى، كىممۇ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشقا پېتىنالىسۇن؟» دېدى. سۇڭ تەيزۇ: «ھەرقايسىڭلارنىڭ ئەلۋەتتە بۇنداق يامان نىيىتى يوق، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردىكىلەر سىلەرگىمۇ سېرىق تون ياپسا، ئۇ چاغدا سىلەر تەڭقىسلىقتا قالارسىلەرمىكىن؟» دېدى. شى شۇشىن قاتارلىقلار قورققىنىدىن ھاپىلا - شاپىلا يۈكۈنۈپ باش ئۇردى. سۇڭ تەيزۇ: «ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. ھەرقايسىڭلار نېمىدەپ ھەربىي ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى، ئۇسسۇلچى قىزلارنى، ناخشىچى ساھىبجاماللارنى كۆپرەك سېتىۋېلىپ ھەر كۈنى مەي - شاراب ئىچىدە نەغمە - ناۋا قىلىپ، ئاخىرقى كۈنلىرىڭلارنى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەيسىلەر؟ ھەرقايسىڭلار بىلەن كەمىنە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بېشىنى قوشۇپ تۇغقان بولساق، ئارىمىزدا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمىسە، يۇقىرى - تۆۋەن خاتىرجەم بولسا، ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن تەڭ بەھرىلەنسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟» دېدى، شۇنىڭ بىلەن شى شۇشىن قاتارلىقلار ئەتىسى يالغاندىن ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ھەربىي ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان سۇڭ تەيزۇ ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى بىر - بىرلەپ تەستىقلىدى. شۇنداق قىلىپ سۇڭ تەيزۇ بىرنەچچە قەدەھ شاراب، بىرنەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا كۆڭلىدىكى ئەندىشىنى تۈگەتتى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، سۇڭ تەيزۇ يەنە «زىياپەت ئارقىلىق ھەربىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىش» تەك كونا نەيرىڭىنى ئىشقا سېلىپ، ۋاڭ يەنچاۋ قاتارلىق ئۇزاق ۋاقىت مەنسەپ تۇتقان بىرنەچچە ھېراۋۇلنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى بىكار قىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر