UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرشىمالىي جۇڭگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى

شىمالىي جۇڭگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى شىمالىي جۇڭگو رايونىدا قورچاق يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ، «جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتالدى. شىمالىي جۇڭگو قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيىسى ئاتالمىش «جۇڭگولۇقلار ئارقىلىق جۇڭگونى باشقۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ،1937 - يىلى7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيپىڭدا جاڭ چاۋزۇڭ باشچىلىقىدا «بېيپىڭ يەرلىك ئامانلىقنى قوغداش جەمئىيىتى» نى قۇردى.8 - ئاينىڭ بېشىدا يەنە تيەنجىندە گاۋ لىڭۋېي باشچىلىقىدا «تيەنجىن يەرلىك ئامانلىقنى قوغداش جەمئىيىتى» نى قۇردى.10 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى شى دوچېڭنى بېيپىڭدىكى جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، خائىنلارنى توپلاپ شىمالىي جۇڭگودا قورچاق ھاكىمىيەت قۇرۇشقا ئەۋەتتى.12 - ئاينىڭ14 - كۈنى بېيپىڭدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرى ۋاڭ كېمىن، تاڭ ئېرخې، ۋاڭ جىتاڭ، دۇڭ كاڭ ۋە جياڭ چاۋزۇڭ قاتارلىق10 ئادەمدىن تەشكىللەندى، ۋاقتىنچە ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالدۇرۇلدى، ھۆكۈمەتتە مەمۇرىي، سىياسىي كېڭەش، ئەدلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ كومىتېت، شۇنداقلا مەمۇرىيەت، ئامانلىق ساقلاش، مائارىپ، ئەدلىيە، ياردەم بېرىش، سودا - سانائەت قاتارلىق ئالتە مىنىستىرلىك تەسىس قىلىندى. شىمال مىلىتارىستلىرى دەۋرىدىكى بەش خىل رەڭلىك قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق، قارا بايراق «دۆلەت بايرىقى» قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، «كوممۇنىزمنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ، بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا روھىنى نامايان قىلىش» جاكارلاندى. ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن، شەنشى تۆت ئۆلكىنىڭ قولدىن كەتكەن جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.1940 - يىلى3 - ئايدا ۋاڭ جىڭۋېي باشچىلىقىدىكى قورچاق نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قوشۇلدى.4 - ئايدا قورچاق نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاتالمىش «شىمالىي جۇڭگو سىياسىي ئىشلار كومىتېتى» قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر