كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىق
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
«ئەسلىسەم كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىقنى، كىچىك ناھىيىلەردىمۇ ياشايتتى شاد تۈمەن تۈتۈن. گۈرۈچ ئۈنچىدەك يالتىراق، سۆكلەر ھەم دانلىقۇ ئاپئاق، ھۆكۈمەت، شەخس ئامبارلىرى تولغانىدى ئاشلىققا پۈتۈن.» بۇ مىسرالار شائىر دۇ فۇنىڭ كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىقنى چەكسىز سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن تولغان بولۇپ، كىشىلەرگە دۆلەت باي - باياشاتلىققا تولغان، خەلق شاد - خۇراملىققا چۆمگەن مەنزىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
كەييۈەن (مىلادىيە713 - يىلىدىن741 - يىلىغىچە) تاڭ شۈەنزۇڭ − لى لۇڭجى تەختتە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى يىلنامى. كەييۈەن يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، «كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىق» دەپ ئاتالغان. بۇ مەزگىلدە ماددىي بايلىقلار ئىنتايىن مول، ئاشلىق باھاسى ئەرزان ھەم مۇقىم ئىدى. يول بويلىرىدا سانجاق - سانجاق سارايلار، يولۇچىلارنى كۈتۈۋالىدىغان ياتاق ۋە تاماقخانىلار بار ئىدى. جەمئىيەت تەرتىپى مۇقىم بولۇپ، يىراق - يىراقلارغا سەپەر قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى قوغدايدىغان قورال ئېلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. زور تۈركۈمدىكى قاقاس يەرلەر ئېچىلىپ، تاغ قاپتاللىرى، جىلغا، قىيالارغىمۇ زىرائەت تېرىلغانىدى. جەمئىيەتنىڭ تىنچ بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى جېنگۇەن يىللىرىدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيگەنىدى. تاڭ سۇلالىسى قۇدرەت تاپقاچقا، ئۇنىڭ نام - شۆھرىتى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا پۇر كەتكەن بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەر ۋە ئەتراپتىكى مىللەتلەر جۇڭگوغا ئەلچىلەرنى، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىشەتتى، ئاسىيالىق، ھەتتا ياۋروپالىق سودىگەرلەرمۇ دائىم چاڭئەن، گۇاڭجۇ قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرگە يىغىلاتتى. ئەينى دەۋردە جۇڭگو دۇنيادىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانىدى.
كەييۈەن يىللىرىدىكى گۈللىنىش تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنى كەييۈەن يىللىرىدىكى دانا سىياسەت، مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تاڭ سۇلالىسىدە ۋۇ زېتيەندىن كېيىن ئوردىدا پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىش كۈرەشلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ، سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىدى ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلدى. مۇشۇ خىل ۋەزىيەتتە، تاڭ شۈەنزۇڭ − لى لۇڭجى تەختكە چىقىپلا سىياسىي ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىش قەستىدە بولغان تەيپىڭ مەلىكىنى قەتل قىلدى، ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پەسكەش، خائىنلارنى تازىلىدى، سىياسىي نەزەر دائىرىسى كەڭ ياۋ چۇڭ قاتارلىقلارنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى، ۋۇ زېتيەن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن بۇيانقى قاتمال سىياسىينى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، سىياسىي ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىراق، كەييۈەن يىللىرىدىكى گۈللىنىشنىڭ كەينىگە كرىزىس يوشۇرۇنغانىدى. تاڭ شۈەنزۇڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي، ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ كەتكەچكە، لى لىنفۇ، ياڭ گوجۇڭلار ھوقۇقنى ئۇزاق يىل ئىگىلىۋېلىپ، ئوردا سىياسىي جەھەتتە چىرىكلەشتى؛ يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەش تۈزۈمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن يەرلىرىدىن ئايرىلىپ ياقا - يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتتى، شائىر دۇ فۇ بۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى «باي - غوجاملار ھۇزۇرىدا گۆش - شارابلار سېسىپ ياتقان، يوقسۇللارنىڭ جەسەتلىرى يولدا مۇز بولۇپ قاتقان» دېگەن مىسرالاردا ئوبرازلىق تىل بىلەن مەنىلىك ئىپادىلىدى. تاڭ شۈەنزۇڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئاخىر «ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى» پارتلاپ، تاڭ سۇلالىسىنى گۈللىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن بىراقلا ھالاكەت گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويدى.