جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، تۈرلۈك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى.
جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەقسىتى: ئېلىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى تېزدىن زامانىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت. ئۇ »بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش« فاڭجېنى بويىچە، ئەزالىرىنى ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە قوللاپ، ئىلىمگە دائىر كىتاب - ژۇرناللارنى تۈزىدۇ ۋە نەشر قىلىدۇ؛ پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ؛ پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىدە مەسلىھەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ھەر خىل مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ؛ خەلقئارادا ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ۋەھاكازا.
جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: لى سىگۇاڭ (1 - نۆۋەتلىك)، جۇ پېييۈەن، چيەن شۆسېن، جۇ گۇاڭيا.