UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى
جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى1982 - يىلى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. ئۇ بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پەن تەتقىقات ئورگانلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، جۇڭگودىكى ياشانغانلار ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەر تەرەپلىمە پىلانلاش، تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ھەمدە ياشانغانلار ئىشلىرىغا دائىر خەلقئارالىق ۋە يەرلىك كەسپىي يىغىنلارغا قاتنىشىش، كۆپ تەرەپلىك ياكى ئىككى تەرەپلىك تېخنىكا ياردىمى، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار تېببىي ئىلمى، ياشانغانلار پسىخولوگىيىسى، ياشانغانلار سوتسىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ بىلىمى ۋە ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ تېببىي داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ ھەمدە جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى69 ياشقا يەتتى، مەملىكىتىمىز بويىچە60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار80 مىليونغا يېقىنلاشتى. ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياشانغانلارنى بېقىش، ھۆرمەتلەش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ بېيىشقا تۈرتكە بولىدۇ.