UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەر ئاياللارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋاسىتىسى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بازىلاردا «ئاياللار ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى» دېگەن ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلغانىدى.1949 - يىلى4 - ئايدا مەملىكەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ1 - يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلىپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى.1957 - يىلى9 - ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ3 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇنىڭ نامىنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ھەر ساھەدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيىلەپ، ئاياللارنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي غايە تىكلەپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى، مەدەنىيەت ۋە پەن - تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ماددىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش؛ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كەمسىتىدىغان، خارلايدىغان، نابۇت قىلىدىغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش؛ ئاياللار ساھەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى كېڭەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر ئاياللار بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىدۇر، بۇ قۇرۇلتاي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، يىغىن يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت قارىمىقىدا قۇرۇلغان شۇجىچۇ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.1949 - يىلى4 - ئايدا مەملىكەتلىك1 - نۆۋەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ1 - قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا خې شياڭنىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە، سەي چاڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك پەخرىي رەئىسلىرى: خې شياڭنىڭ، سۇڭ چىڭلىڭ، سەي چاڭ، دېڭ يىڭچاۋ. ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى سەي چاڭ، كاڭ كېچىڭ، چېن مۇخۇا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki