UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى

جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى − مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىيلار ئاساس قىلىنغان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكى بولغان، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى1941 - يىلى3 - ئايدا چۇڭچىڭدا قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى نامى «جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقى» ئىدى. بۇنىڭغا قاتناشقان پارتىيە - گورۇھلاردىن جۇڭگو ياشلار پارتىيىسى، دۆلەت سوتسىيال پارتىيىسى (كېيىن نامى دېموكراتىك سوتسىيال پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى)، جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كومىتېتى (كېيىن نامى جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى)، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ جەمئىيىتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇش جەمئىيىتى ۋە باشقا زاتلار بولۇپ، خۇاڭ پېييەننى مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى.1942 - يىلى شېن جۈنرۇ رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىلىرى جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقىغا قاتناشتى. شۇڭا، بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئۈچ پارتىيە، ئۈچ گۇرۇھ دەيدىغان نامى بار.1944 - يىلى جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقى چۇڭچىڭدا مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ، نامىنى «جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمىنى شەخسىي قاتنىشىشقا ئۆزگەرتتى.1945 - يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ،1 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، «ھاكىممۇتلەقلىققا قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش؛ ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى تەلەپ قىلىش» دېگەن سىياسىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.1946 - يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى چۇڭچىڭدا ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئارىلىقىدا ئالاقىلىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى. گومىنداڭ جاھىللىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن، تىنچلىق سۆھبىتى بەربات بولدى، شۇنىڭ بىلەن، دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەزالىرى، مەسىلەن، ۋېن يىدو، لى گۇڭپۇ، دۇ بىنچېڭ، ياڭ بوكەي، يۈ باڭچى قاتارلىقلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، گومىنداڭنىڭ قانۇنسىز ئاچقان «خەلق قۇرۇلتىيى» غا قاتنىشىشنى رەت قىلدى ھەمدە گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ياشلار پارتىيىسى بىلەن دېموكراتىك سوتسىيال پارتىيىسىنى تازىلاپ چىقاردى.1947 - يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى يەنىلا «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» نى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلاپ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ باش شتابىنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتتى.1948 - يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شياڭگاڭدا1 - نۆۋەتلىك3 - ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ۋاقىتلىق باش شتاب قۇردى. ئىككىنچى يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلاشتى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى. دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇزاق يىللىرىدا، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ ھەمدە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ۋە يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ئۆز رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، زىيالىيلار مەسىلىسى ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار چوڭقۇر پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇپ، ئىتتىپاقتىكى بارلىق يولداشلارنى سوتسىيالىزم ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى ئاستىدا دېموكراتىك سىياسىينى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى100 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە10 مىڭغا يېقىن كىشى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل ۋە سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى،1000 دىن ئارتۇق كىشى ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، «3 - مارت» قىزىل بايراقدارى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى: خۇاڭ يەنپېي، جاڭ لەن، شېن جۈنرۇ، ياڭ مىڭشۈەن، شى لياڭ، خۇ يۈجى (مۇۋەققەت رەئىس)، چۇ تۇنەن، فېي شياۋتۇڭ، دىڭ شىسۇن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى | UyghurWiki | UyghurWiki