جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئېلىمىز خەلقىنىڭ سەھىيە بويىچە قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى بولۇپ،1904 - يىلى6 - ئايدا قۇرۇلغان.1912 - يىلى خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.1919 - يىلى جەنۋە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى يېڭىۋاشتىن ئۆزگەرتىپ تەشىكل قىلىندى. جېڭۋۇيۈەن (دۆلەت مەمۇرىي كېڭىشى)1950 - يىلى «جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى» نى تەستىقلاپ ئېلان قىلدى، بۇ نىزامنامىدە، ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: دۆلەتنىڭ سەھىيە خىزمەت فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك ئىنقىلابىي ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ، خەلقنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، قان بېرىش، ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە قۇتقۇزۇش، مەشىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛ خەلقئارا پائالىيەتتە ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان دوستانە ياردەم ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، دەپ بەلگىلەنگەن.1984
- يىلى جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا80 يىل بولغان چاغدا، مەملىكەتلىك ئاساسىي قاتلام قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى23 مىڭدىن ئاشتى، ئەزالىرى1 مىليون450 مىڭغا يەتتى، جەمئىيەتتە بىر تۈركۈم قىزىل كرېست شىپاخانىلىرى، ئائىلە كېسەل كارىۋاتلىرى، مېيىپلەر پاراۋانلىق پونكىتلىرى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە داۋالاش پونكىتلىرى قۇرۇلدى. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى يەنە دۇنيادىكى127 دۆلەتنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى، قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان بەزى دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىسادىي ۋە ماددىي ياردەم بېرىپ كەلدى