UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى

جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى − مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زىيالىيلار ئاساس قىلىنغان، سىياسىي ئىتتىپاق خاراكتېرى بولغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە.1945 - يىلى12 - ئايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شاڭخەيدە قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرى: ما شۇلۇن، ۋاڭ شاۋئاۋ، جۇ جيەنرېن، شۈ گۇاڭپىڭ قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شاڭخەيدىكى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر زىيالىيلاردۇر. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىلا ئۇلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلۇش كۈرىشىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئىچكى ئۇرۇشقا، ھاكىممۇتلەقلىققا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشكە قارشى تۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. كېيىن ئۇلار يەنە «دېموكراتىك روھنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگودا دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» مەقسەت قىلىنغان سىياسىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭ نامىنى جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى دەپ بېكىتتى. دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار شاڭخەيدىكى60 نەچچە ئاساسلىق ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شاڭخەي خەلق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسىنى قۇردى.1946 - يىلى6 - ئايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شاڭخەي خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش مەجلىسىنى تەشكىللىدى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى رەھبەرلىرىدىن ما شۇلۇن بىلەن لېي جيېچيۇڭ نەنجىڭغا مۇراجىئەتنامە سۇنىدىغان تىنچلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغاندا، گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى ئۇلارنى قورشاپ ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇردى.1949 - يىلى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي پارتىيىلىك فۇنكسىيىسىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، دۆلەتنىڭ فاڭجېن - سىياسەت، قانۇن - نىزاملىرىنى چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىشقا قاتناشتى، ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپنى دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىش، مەدەنىيەت ۋە نەشرىيات خىزمىتىنى خەلق ئۈچۈن ۋە سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، شۇنىڭدەك بىلىمنى ۋە زىيالىيلارنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرمۇنچە ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ، كۆپلىگەن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى. دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى50 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ زور كۆپ قىسمى مەدەنىيەت سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردۇر، جەمئىيەت ئەزالىرىدىن3000 دىن ئارتۇق كىشى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: ما شۇلۇن، جۇ جيەنرېن، يې شېڭتاۋ، لېي جيېچۇڭ، شۇ جيالۇ، پەخرىي رەئىسى شيې بىڭشىن قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki