UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن بىرلەشكەن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى.1922
- يىلى5 - ئايدا گۇاڭجۇدا ئېچىلغان1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر يىغىنىدا1921 - يىلى شاڭخەيدە قۇرۇلغان جۇڭگو ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى شۇجىبۇسىنىڭ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرىي ئاپپارات ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى.1925 - يىلى5 - ئايدا گۇاڭجۇدا ئېچىلغان2 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر يىغىنىدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى.1927 - يىلى جياڭ جيېشى ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغاندا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يەر ئاستىغا (مەخپىي ھالەتتە) يۆتكەلدى.1935 - يىلى شاڭخەيدە جۇڭگو ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى قۇرۇلدى، ئازاد رايونلاردا شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونلىرى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئازاد رايونلار باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى.1948 - يىلى ئېچىلغان6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر يىغىنىدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارار قىلىندى.1993 - يىلى10 - ئايدا جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ12 - قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسى» دە، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما بەلگىسى يۇمىلاق شەكىل ئاساس قىلىنغان، خەنزۇچە «中»،«工» دېگەن ئىككى خەت تاللاپ ئىشلىتىلگەن، بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئاساسىي سىزما نۇسخا، ئۇ جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقى ۋە بىرلىكىنىڭ سىمۋولى دەپ بەلگىلەنگەن.
يېڭى تارىخىي دەۋردە، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەت فاڭجېنى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، ئىشچىلار ئاممىسىغا خوجايىنلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، ئىسلاھات ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت كۆرسىتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشتىن ئىبارەت.1922
- يىلى جۇڭگو ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى شۇجىبۇسىنىڭ شۇ جىبۇ مۇدىرى دېڭ جۇڭشيا ئىدى.1925 - يىلى2 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر يىغىنى گۇاڭجۇدا ئېچىلىپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى، لىن ۋېيمىن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، ليۇ شاۋچى مۇئاۋىن باشلىقى بولدى.1948 - يىلى6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر يىغىنى خاربىندا ئېچىلىپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارار قىلىندى، چېن يۈن رەئىسلىككە، لى لىسەن، جۇ شۆفەن، ليۇ نىڭيى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر يىغىنى ليۇ شاۋچىنى پەخرىي رەئىسلىككە، لەي رويۈنى رەئىسلىككە سايلىدى.1978 - يىلى نى جىفۇ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.1993 - يىلى10 - ئايدا ۋېي جيەنشىڭ رەئىسلىككە سايلاندى.