UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى − سابىق جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتچىلىرى ۋە باشقا ۋەتەنپەرۋەر دېموكرات زاتلار قۇرغان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ۋە جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. سۇن جۇڭشەن1911 - يىلى شىنخەي ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگونى قۇرغان.1924 - يىلى سۇن جۇڭشەن روسىيە بىلەن، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلار ۋە ئىشچىلارغا يار - يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسەتنى تۈزۈپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ1 - قېتىملىق ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سۇن جۇڭشەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو گومىنداڭى ئىچىدىكى دېموكراتلار ۋە باشقا ۋەتەنپەرۋەر دېموكرات زاتلار سۇن جۇڭشەننىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابقا داۋاملىق قاتنىشىش ھەمدە گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ2 - قېتىملىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە رولىنى پائال جارى قىلدۇرغان.1943 - يىلى گومىنداڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتلار ئۈچ مەسلەكچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇش ئۈستىدە، يەنە بىر قىسمى جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇش ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك پائالىيەتنى قانات يايدۇردى.1945 - يىلى كۈزدىن1946 - يىلى ئەتىيازغىچە ئۈچ مەسلەكچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ چۇڭچىڭ ۋە گۇاڭجۇدا قۇرۇلدى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا ۋە ھاكىممۇتلەقلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى.1947 - يىلى ئۈچ مەسلەكچىلەر بىرلەشمىسى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق گومىنداڭ دېموكراتىيىچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بەزى ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتلار ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شياڭگاڭغا يېتىپ باردى.11 - ئايدا جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيىچىلىرىنىڭ1 - قېتىملىق بىرلەشمە ۋەكىللىرى يىغىنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى.1948 - يىل1 - ئاينىڭ1 - كۈنى يىغىن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، سۇڭ چىڭلىڭنى پەخرىي رەئىسلىككە، لى جىشېننى رەئىسلىككە سايلىدى.1948 - يىلى5 - ئايدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېڭى سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى ھەمدە كېيىنكى يىلى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە، شۇنىڭدەك مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامزاتىنى مەسلىھەتلىشىش، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەم دۆلەتنىڭ فاڭجېن - سىياسەت، قانۇن - نىزاملىرىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلار ئالاقىلىشىدىغان زاتلارنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىزم قۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى پارتىيە ئەزالىرى40 مىڭدىن ئاشىدۇ،3000 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى شەھەردىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق رەئىسلىرى: لى جىشېن، خې شياڭنىڭ، جۇ يۈنشەن، ۋاڭ كۇنلۇن، چۈ ۋۇ، جۇ شۆفەن، لى پېيياۋ، خې لۇلى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى | UyghurWiki | UyghurWiki