UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى − ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلىرى ئاساس قىلىنغان ۋە چەت ئەلدە مۇناسىۋىتى بولغان ۋەكىللىك خاراكتېردىكى زاتلاردىن تەركىب تاپقان سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن تىرىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى ئامېرىكا ئادالەتچىلەر سارىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن،1925 - يىلى10 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىدە قۇرۇلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئادالەتچىلەر پارتىيىسى پارتىيە ئەزالىرىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە ئادالەتچىلەر سارىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ۋەتەننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى.1947 - يىلى ئادالەتچىلەر پارتىيىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، خىتابنامە ئېلان قىلىپ ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، بارلىق دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب يولىغا مېڭىشنى خالىدى.1949 - يىلى ئادالەتچىلەر پارتىيىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەشكىلىي پائالىيىتى چەت ئەلدىن دۆلەت ئىچىگە يۆتكەلدى، ئۇلار دۆلىتىمىزدىكى ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلاردىن پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە مۇھاجىرلار خىزمىتى تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ ۋە ماسلىشىپ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ۋەتەننى سۆيۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىدى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، ئادالەتچىلەر پارتىيىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشماقتا. ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە15 ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتى،10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلىرى %5 .75 نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيىدە500 دىن ئارتۇق كىشى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى،1000 دىن ئارتۇق كىشى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى، يەنە بەزى كىشىلەر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئادالەتچىلەر پارتىيىسى چەت ئەلدىكى ھەرقايسى ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەللەردە دوستلۇق - ئالاقە خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئادالەتچىلەر پارتىيىسى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە جۇڭگولۇقلاردىن جۇڭگوغا تۇغقان يوقلاش، سەيلە - ساياھەت قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەنلەرنى ئاكتىپ كۈتۈۋالدى ھەمدە تاشقى مەبلەغ، تېخنىكا، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ۋە تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ فىلىپپىن، كانادا، ئامېرىكا، يامايكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا زىيارەتكە چىقىپ، مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، دوستانە باردى - كەلدىنى كېڭەيتىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: چېن چىيۇ، خۇاڭ دىڭچېن، دۇڭ يىنچۇ، لو خاۋسەي.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار