جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتى قىسقارتىپ «پىئونېرلار ئەترىتى» دېيىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار تەشكىلاتىدۇر.
يېڭى دېموكراتىك ئىنقلاب مەزگىلىدىلا ئىنقىلابىي بازىلاردا ئەمگەكچى بالىلار ئىتتىپاقى، كوممۇنىستىك بالىلار ئىتتىپاقى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بالىلار ئىتتىپاقى، پىئونېرلار ئەترىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار كەينى - كەينىدىن قۇرۇلغانىدى.1949 - يىل10 - ئاينىڭ13 - كۈنى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار تەشكىلاتى − جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئەترىتى قۇرۇلدى.1950 - يىلى جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئەترىتىنىڭ بايرىقى، شېئىرى، ئەترەت قائىدىسى، ئەترەت ئەزالىرى بەلگىسى، ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ دەرىجە بەلگىسى، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئەترەتكە كىرىش قەسەم سۆزى، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ شوئارى ۋە ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى.1953 - يىلى8 - ئايدا ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئەترىتىنىڭ نامىنى جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. ئومۇمەن، يەتتە ياشتىن14 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتىگە كىرىشنى خالىسا ھەمدە ئەترەت نىزامنامىسىگە رىئايە قىلسا، ئوتتۇرا ئەترەت كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، تەستىق ئارقىلىق ئەترەت ئەزاسى بولسا بولىدۇ.
پىئونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىدا چوڭ ئەترەت، ئوتتۇرا ئەترەت ۋە كىچىك ئەترەت بولىدۇ. ئەترەت بايرىقى بەش يۇلتۇز ئۈستىگە مەشئەل قوشۇلغان قىزىل بايراقتۇر. ئۇنىڭ ئىستىلى سەمىمىي، باتۇر، جانلىق ۋە ئىتتىپاق بولۇشتىن ئىبارەت.
پىئونېرلار ئەترىتى كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، شۇنداقلا سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇش زاپاس ئەترىتىدۇر. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆسمۈرلەر - بالىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيىلەپ، پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئىلگىرىلەپ، ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم - پەننى، جامائەت مال - مۈلكىنى سۆيۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشكە تىرىشىپ، كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشتىن ئىبارەت.