UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارتەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى

تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى تەيۋەندىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاۋام تەشكىلاتى بولۇپ،1981 - يىل12 - ئاينىڭ27 - كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلدى. مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مەقسىتى سوتسىيالىزم، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرۇۋاتقان تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئالاقە باغلاش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك - بىرلىك بايرىقى ئاستىدا، تەيۋەن ئارىلى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە چەت ئەللەردىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، يۇرتداشلىق مۇھەببىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتكە كېلىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» پرىنسىپى بويىچە تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش، باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، تەيۋەن خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت. مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە ئاۋام تەشكىلاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، قېرىنداشلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش؛ ھۆكۈمەتكە دۆلەت ئىچىدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇ ۋە تەكلىپلىرىنى ئىنكاس قىلىش؛ تەيۋەنلىك، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەر خىل ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى، شۇنىڭدەك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئەجداد ئىزدەپ، تۇغقان ۋە دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلاپ، ئادەم ئىزدەپ، سەيلە - ساياھەت قىلىپ، ئوقۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن كەلگەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ ئوبدان ئىشلەيدۇ. ئىككى قىرغاقنىڭ بىۋاسىتە «ئۈچ ئالاقىسى» ۋە سىرت بىلەن ئالماشتۇرۇش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سودا قىلىش، مەبلەغ سېلىش، زاۋۇت قۇرۇش، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ۋە ئىلىم، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا پائال ياردەملىشىدۇ. مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى باشلىقى لىن لىيۈن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار