UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. ئۇ پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيىنىڭ بارلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، سىرتقا نىسبەتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىمۇ مەركىزىي كومىتېت قارار قىلىدۇ.
پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئېچىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ پارتىيىلىك ستاژى بەش يىلدىن ئارتۇق بولۇشى شەرت. مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ئاچىدۇ، ئۇ ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيىنىڭ بارلىق كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، بۇ رەھبەرلىك يادروسى بىر كوللېكتىپ دېمەكتۇر. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ قارارىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.