UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جـۇڭـگـو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى
جـۇڭـگـو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىلغار ياشلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى.
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى1922 - يىلى گۇاڭجۇدا قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى نامى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىدى.1925 - يىلى شاڭخەيدە جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ3 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا، نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دەپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى.1935 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلارنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياشلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزىدىغان كەڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قالدى، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ «جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ئاۋانگارت ئەترىتى»، «ياشلار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسى»، «ياشلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاۋانگارت ئەترىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار قۇرۇلغانىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن،1946 - يىلى يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇلدى.1949 - يىلى4 - ئايدا جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى.1950 - يىلى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى5 - ئاينىڭ4 - كۈنىنى جۇڭگو ياشلار بايرىمى قىلىشنى قارار قىلدى.1957 - يىلى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ3 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شەرەپلىك تارىخقا ئىگە. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە تەرەققىي قىلىپ ۋە زورىيىپ، باشتىن - ئاخىر كۈرەشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا كۈچلۈك يېڭى قوشۇنلۇق ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن زور تۈركۈمدىكى يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە خىزمەت تايانچلىرىنى تەربىيىلەپ ۋە ئەۋەتىپ بەردى. پارتىيە11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە خىزمىتى مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئاساسەن، خىزمەتنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى كىشىلەرنى تەربىيىلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ياش قۇرۇلۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت.1922
- يىلى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا شى سۇنتۇڭ مەركىزىي كومىتېت شۇجىبۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. كېيىنكى ھەر نۆۋەتلىك ئاساسلىق رەھبەرلىرى: ليۇ رېنجىڭ، جاڭ تەيلېي، رېن بىشى، گۇەن شياڭيىڭ، فېڭ ۋېنبىن، خۇ ياۋباڭ، ۋاڭ جاۋگو، خۇ جىنتاۋ، سۇڭ دېفۇ، لى كېچياڭ قاتارلىقلار.
جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى56 مىليونغا يېتىدۇ (1993 - يىلى5 - ئاي).