UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى − ئاساسەن ئىقتىسادىي ساھەدىكى زاتلاردىن تەركىب تاپقان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكى بولغان، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمى ۋە سىياسىي مەسلىھەت تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئىنقىلاب قىلىش شەرەپلىك تارىخىغا ئىگە.1945 - يىلى12 - ئايدا دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى چۇڭچىڭدا قۇرۇلدى، رەھبىرىي ئەزالىرى ۋەتەنپەرۋەر مىللىي سودا - سانائەت كارخانىچىلىرى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بولغان زىيالىيلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ تەشەببۇسچىلىرى: خۇاڭ يەنپېي، خۇ جۆۋېن، جاڭ نەيچى، شى فۇلياڭ قاتارلىقلار. دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشتى.1949 - يىلى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى مەسلىھەتلىشىشكە، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشتى. بولۇپمۇ يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش مەزگىلىدە، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ئەزالىرى ۋە ئۇلار ئالاقىلىشىدىغان مىللىي سودا - سانائەتچىلەرنى ئۆتكۈنچى دەۋردىكى فاڭجېن - سىياسەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ ھەم تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيىلەپ ۋە ئۆزگەرتىپ، كاپىتالىستىك سودا - سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشتە مۇھىم ماسلىشىش رولىنى ئوينىدى. يېڭى تارىخىي دەۋردە دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ئۆز ئەزالىرىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش، كەسپىي ئىقتىدار جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى سانائەت، سودا، قاتناش - ترانسپورت، تاشقى سودا، پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشقا تەشكىللىدى، يەنە ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلىك، سودا - سانائەت كەسپى بويىچە تەربىيىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ئەزالىرى تەيۋەنلىك، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلار ۋە باشقا ئالاقىدار زاتلار بىلەن ئىزچىل تۈردە قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلدى. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى دوستلۇق ئالاقە خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرىقى زاتلار ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك چەت ئەلدىكى ئالاقىدار پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى يولغا قويۇش، خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ئىنتايىن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى50 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كارخانا، مالىيە تارماقلىرى، ئىقتىساد نەزەرىيىسى بويىچە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا جايلاشقان. جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولغانلار1000 دىن ئاشىدۇ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولغانلار6000 دىن ئاشىدۇ. دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇدىرلىرى: خۇاڭ يەنپېي، خۇ جۆۋېن، سۇڭ چىمېڭ، چېڭ سىۋېي.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki