UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتىدۇر. ئۇنىڭ قارىمىقىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى، جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى قاتارلىق كەسپىي جەمئىيەتلەر بار. مەملىكەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرىنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش؛ ئاممىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان چۈشەنچە ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. مەملىكەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: گو مورو، ماۋدۇن، ساۋ يۈ، جۇ ۋېيچى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki