UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قىسقارتىپ «مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» دېيىلىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ سودا - سانائەت ساھەسىدىن تەشكىللەنگەن خەلق تەشكىلاتلىرى، جۇڭگودىكى خەلق سودا جەمئىيەتلىرى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن تەشكىللەنگەن ئورۇنلارنىڭ بىرى. سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ ئەمەس، لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ كەلدى، شۇڭا ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىدىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ.1949 - يىلى سودا - سانائەت ساھەسى بىر تەرەپ بولۇپ، يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا ۋە1 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.1952 - يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى جېڭۋۇيۈەنى «سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي تەشكىلىي پرىنسىپى» نى ئېلان قىلىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى بەلگىلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، چوڭ - ئوتتۇرا شەھەرلەر كونا سودا جەمئىيىتى، سانائەت جەمئىيىتى ۋە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنى قۇرغانىدى. بۇ جايلاردىكى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەزالىرىغا ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.1953 - يىلى10 - ئايدا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى1 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىپ، رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كاپىتالىستىك سودا - سانائەتنى تىنچ يول بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە سېتىۋېلىش سىياسىتىگە ماسلىشىپ، سودا - سانائەتچىلەر ساھەسىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ۋە «بەشكە قارشى» ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كاپىتالىستىك سودا - سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پايدىلىق تۆھپە قوشتى.1979 - يىلى ئېچىلغان مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ4 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا «قەتئىي تەۋرەنمەستىن پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشايلى» دېگەن ھەرىكەت پروگراممىسى تۈزۈلدى. ئۇ ئەزالاردىن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە كارخانا تىجارىتىنى پىششىق بىلىش، ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇش، سودا - سانائەت كەسپى بويىچە تەربىيىلەش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، چەت ئەلدىكى سودا - سانائەت ساھەسى بىلەن ئالاقىلىشىش، شۇنىڭدەك كارخانا قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى يول تېپىپ، يېڭى تۆھپە قوشتى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلاردىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە زاتلارنى بىرلەشمىگە قوبۇل قىلىپ، ئەزالارنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ياساپ، دۆلىتىمىزدە يېڭى دەۋردىكى كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبى بىللە مەۋجۇت بولۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.1993 - يىلى10 - ئايدا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ7 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە بارلىق ئەزالاردىن دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە14 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت مەركەزنى چۆرىدەپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، يۈرەكلىك ئەمەلىيەت ئۆتكۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىرلىك سەپتىكى خەلق تەشكىلاتى ۋە خەلق سودا جەمئىيىتى بولۇش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىنچ - ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ خىزمىتىنى نۇقتىلىق ھالدا ئوبدان ئىشلەشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، خىزمەتنى كۆپ خىل شەكىل ۋە كۆپ يول بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى500 مىڭدىن ئاشىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك تەشكىلاتتىن1700 نەچچىسى قۇرۇلدى، چېن شۇتۇڭ، خۇ زىئاڭ ۋە رۇڭ يىرېن مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.1993 - يىلى10 - ئايدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ7 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا ۋاڭ گۇاڭيىڭ مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە، جىڭ شۇپىڭ رەئىسلىككە سايلاندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki